سەندەدۇر
ئۇيقۇ يوقتۇر كۆزلىرىمدە ھەركەچ خىيالىم سەندەدۇر
ئۆرتىنەر قەلبىممۇ تاڭدا ئەسھۇيادىم سەندەدۇر
گەر دەقىقە ئۇنتالمىدىم ئەسلىدىم ھەر چاغ سېنى
تاڭدا تەلمۇرگەن كۆزۇممۇ خۇپتەنگۇچە بىر سەندەدۇر
ئىنتىزار باقتىم يولۇڭغا سۇلغۇن ئۆمۇتلەرگە تولۇپ
سەنمۇ يا بىر كەلمىدىڭ ئېچلىپ گۇلدەك بولۇپ
ئۆرتىنەر قەلبىم مىنىڭ تاڭ سەھەر ئەسلەپ سېنى
سەھەر كەتكەن شۇ خىيالىم تاكى شامدا سەندەدۇر
ئاھ بىلەن ئالغان نەپەستە يادلىنار نامىڭ ئەبەت
كىچە كۆرگەن چۇشۇمدىمۇ ئۆزگە يوق بىر سەن پەقەت
مەن سىنى ئۇزدۇم لىكىن پۇرالمىدىم دىل قانغۇچە
باشقا پۇراق ھىساپ ئەمەس گۇل خۇمارىم سەندەدۇر
مەن كۇتەرمەن سىنى بۇندا تەشنا بېقىپ يولۇڭغا مەن
سەن كىلەرسەن بىر كۈنى شۇنداق خىيال ئۆمۇتتە مەن
كەلمىسەڭ جىسمىمدىن ئاھ ئايرىلىپ روھىم ئۆلەر
تەن تېىرىك موردا بولۇپ رۇھىم ھامان قەبرەدىدۇر
مۇھەرىر : ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
ئۈندىدار : 2041420589
61 قېتىم كۆرۈلدى | ئابدۇ سەمى مەمتىل | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-6-6 22:15:57 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|