ياغە يامغۇر ياغقىن شارقىراپ
مۇھەممەت ھەبىبۇللا
تۆكۈلمەكتە ئاشىق يېشىدەك،
بۇلۇتلاردىن تامچىلاپ يامغۇر.
غەليان قىلغان ئېزگۈ ھىسلارنىڭ،
تومۇرلاردا دولقۇنى باردۇر..
ئاقۇچ تۇمان يۇتار ئورماننى،
گويا يۇتماق بولغان زېمىننى.
ياپراقلىرى يۇيىلار شۇ دەم،
ئېغىر كېلىپ چاڭ- توزانلىرى.
ھاياتلىققا مەلھەم يامغۇرنىڭ،
مىھرىلەرگە تولغان تامچىسى.
چۈشەر ئەنە مەرۋايىت كەبى،
مەستخوش قېلىپ ئانا تۇپراقنى.
تۇرار شۇنچە بەھەيۋەت تاغلار،
سۈكۈت بىلەن بولۇتلار سۆيۈپ،
تەبىئەتنىڭ سېخىيلىق قىلىپ ،
كەتكىنىگە زوقلىنىپ كۈلۈپ.
تامچىلاردىن يىغىلغان ئېقىن،
كېتەر يىراق ئېدىرغا سىڭىپ.
مۈگدەپ قالغان نازۇك مايسىلار،
بىخ سۈرمەكتە ئەمدى ئويغىنىپ..
ياغە يامغۇر ياغقىن شارقىراپ!!!
تەشنالىقى قانسۇن قەلبنىڭ!.
بارچە گۈللەر ئېچىلسۇن تەكشى،
يامغۇر بىلەن يۇيۇپ ھەسرىتىڭ.
تۇرپان
163 قېتىم كۆرۈلدى | sudayis | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-4-23 11:02:54 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|