تېرورچى
شېئېر - ئاپتۇرى مۇھەببەت كۈيچىسى
ئۇلۇغ ۋەتەن جۇڭخۇانىڭ بىرلىكىگە قول سوزدۇڭ ،
پارچىلاشقا ئۇرۇنۇپ چاپتىڭ ھەريان تېرورچى ،
يۇرىت خەلقىڭگە تىنىچلىق بەرمەي كەلدىڭ قۇتىراپ ،
پىت-بۈرگىدەك بەدەننى چاقتىڭ ھەريان تېرورچى ،
سەن سەۋەبلىك مىللەتنىڭ يۈزلىرىدە قالدى داغ ،
مۈشكۈلى سەن ھاياتنىڭ يۇلىمىزدا بولدى تاغ ،
كېلەچەكنى كۆرگۈچى كۆزلىرىڭگە تولدى ياغ ،
مەدەنيەتتىن چەتنىگەن دىلى قارا تېرورچى ،
ئۇلۇغ ۋەتەن مېھرىدە ئۆكسىمىگەچ ئاشلىرىڭ ،
ساغلاملىقىڭ كاپالەت ئالتۇن ئامان باشلىرىڭ ،
سىرغىمىدى كۆزۈڭدىن مىننەتدارلىق ياشلىرىڭ،
تۇزىنى يەپ تۇزلۇقنى چېقىۋەتكەن تېرورچى ،
قارا نىيەت قار قۇلۇڭ ئۆز قەۋمىڭگە سۇنۇلغان ،
تېرورچى دەپ ئۇيغۇرۇڭ ھەممە ئەلگە تۇنۇلغان ،
بۇ ھەسرەتتىن ئۆرتىنىپ يۈرەك باغرى يۇلۇنغان ،
ئۆزخەلقىڭنى شۇ دەرىتكە شوجاڭ قىلدىڭ تېرورچى ،
ۋەتەن-خەلىق بىر نىيەت ئەمدى ئىشىڭ ئاقمايدۇ ،
نىيىتىڭنىڭ قارلىقى جىمى ئەلگە ياقمايدۇ ،
سوتلىنىسەن بىر كۈنى قانۇن ساڭا باقمايدۇ ،
خۇراپاتلىق ئىدىيەدە زەھەرلەنگەن تېرورچى ،
ئەللىك ئالتە مىللىتىم ، بىر ئائىلە بىلىپ قال ،
تېرورلۇقنى يىلتىزدىن قۇرۇتىمىز بىلىپ قال ،
ئەل ۋەتەننى دۇنياغا تۇنۇتىمىز بىلىپ قال ،
ئىچىڭ زەھەر بولمىسۇن دىلى قارا تېرورچى ،
ئاپتۇرى- ئاقسۇ شەھەر قارتال بازىرىدىن
مۇھەممەتجان سامساق ،
2017-6-8
مۇھەررىر: ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
ئۈندىدار :2041420589
84 قېتىم كۆرۈلدى | مۇھەممەتجان سامساق | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-6-14 19:05:04 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|