ئەمەلپەرەسكە
arzu313
تەگسە ساڭا كالتە قوشۇقنىڭ سېپى،
كۆرەڭلىدىڭ كەلدى دەپ ئىشنىڭ ئېپى.
خوجايىنلىق كېبىر قوشۇلدى ساڭا،
قۇلىقىڭغا خوش ياقماس ئۆزگىنىڭ گېپى.
ئۆز مەيلىڭچە ئورناتتىڭ تۈزۈمىڭ يېڭى،
تۈزۈمىڭدىن چىققاننىڭ پىشمىغان خېمى.
چىقسا گەر ھەق -ناھەق جوداسى بىر كۈن،
قىلىسەن ئاجىزنى كۈچلۈكنىڭ يېمى.
تۇيۇقسىز چىققاندا ئۆزگىنىڭ دېڭى،
پۇتىدىن تارتىسەن بولىسەن ھېڭى.
تەخسىكەش دەللاللار چاقسا بىرىنى ،
قوزغايسەن بىمەھەل<تىنىچلىق جېڭى >.
ئەۋلىيادەك چاغلايسەن ئۆزۈڭنى تېخى ،
بىلىمىڭ بار بولسا يوقمىدۇر كېمى؟
سەنمۇ بىر ئىنسانغۇ غەلىبەڭ بىلەن،
يىقىلسا سەپدىشىڭ بولغىن سەن تېمى.
ئەۋلىيادەك چاغلايسەن ئۆزۈڭنى تېخى ،
بىلىمىڭ بار بولسا يوقمىدۇر كېمى؟
سەنمۇ بىر ئىنسانغۇ غەلىبەڭ بىلەن،
يىقىلسا سەپدىشىڭ بولغىن سەن تېمى.
146 قېتىم كۆرۈلدى | arzu313 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-5 1:09:12 | :يوللانغان ۋاقتى |
2015-8-5 10:13:37 | م، ئىزچى |
بەك ياخشى يېزىپسىز، |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|