ئانام ئەتكەن ئاش
قادىر ئابلەت
جەننەتنىڭ مىۋىسى ماڭا نە ھاجەت،
تۇرۇپتۇ ئالدىمدا ئانام ئەتكەن ئاش.
بولسىمۇ ئەتراپىم مىسلى چوڭ جەننەت،
لەززەتسىز مەن ئۈچۈن ئۇنىڭسىز ياشاش.
جەننەتنىڭ مىۋىسى بولارمۇ خىجىل،
جان ئانا، سەن ئەتكەن ئاشنىڭ ئالدىدا.
تىل بىلەن تەسۋىرلەپ بەرگۈسىز ئىسىل،
تۇرىدۇ ھەرقاچان تەمى تىلىمدا.
ئەزرائىل جىنىمنى ئالساڭمۇ ئاداش،
توختاپ تۇر،بىر قوشۇق يەۋالاي ئازراق.
جەننەتتە بولسا گەر ئانام ئەتكەن ئاش،
چاپسان بول،شۇ يەرگە كىتەيلى تىزراق.
2017-3-18
267 قېتىم كۆرۈلدى | قادىر ئابلەت | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-4-18 4:04:27 | :يوللانغان ۋاقتى |
2017-5-22 18:20:26 | ئايشەم سادىر |
ئانام ئەتكەن ئاش .بەك ياخشى يېزىلىپتۇ. |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|