سۈكۈتتە تۇرمىغىن بولۇپ دىلىغۇل
باھارگۈل ئىبرايىم
ھۇجرىدا جىممىدە ئولتۇرار تەنھا،
خىياللار ئىلكىگە ئالغان گۈلچىراي.
يۈرەكنىڭ بېغىغا قۇنار تۇيدۇرماي،
يىگىتنىڭ تىلىدا سايرىغان تۇرغاي.
لىۋەننىڭ يۈرۈكى سوقماقتا تېز-تېز،
ئەسىرگە ئالغاچقا مەستخۇشلۇق پەيتى.
خىيالەن سۈرمەكتە ھايات پەيزىنى،
ئەڭ گۈزەل چۈش بولغاچ شاراپنىڭ كەيپى.
ئۇيقۇنى قاچۇرۇپ كۈيلەر توۋلايلى،
ئۇلغايسۇن تېخىمۇ دىلدىكى يالقۇن،
قېنى كەل شادىمان ئۆتسۇن بۇ ئاخشام،
تاڭ ئېتىپ يۇلتۇزلار ئۇزاشتىن بۇرۇن.
سۈكۈتتە تۇرمىغىن بولۇپ دىلىغول،
قايغۇلار ئۆتكۈنچى كۈلكىدۇر مىھمان.
بولغۇسى سۆيگىمىز بىر كۈنى گۈلخان،
بىزلەرگە شاھىتتۇر بۇلغانماس ۋىجدان.
يۈرەكتىن چەتنىسۇن خىيال قۇشلىرى،
رەھىمسىز تەقدىرگە بولۇپ خاتىرە.
سۆيگۈنى ھەقىقى چۈشەنسۇن يۈرەك،
ئەلەملىك كۆز ياشقا بىرىپ خاتىمە.
خىياللار ئىلكىدە ياشاش بىر ئازاپ،
لىكىن،ئايرىلىشتىن بەرمەيدۇ دىرەك.
ئىچەرمىز بىر كۈنى ۋىسال شارابى،
ئۇمۇتكە تولسىلا بىزدىكى يۈرەك.
2015-يىل ئاۋغۇست باي
145 قېتىم كۆرۈلدى | ehsanay | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-18 8:30:47 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|