داداڭ كەتسە ھەممە كىتىدۇ

داداڭ كەتسە ھەممە كىتىدۇ

 

 ئېزىز تۇرسۇن خەنجەرى

 

 تۇغقان كىمنى تۇغقان ئىتىدۇ؟

 ئاناڭ ئاشنى كىمگە ئىتىدۇ؟

 قەدرىڭگە ئېيىت كىملەر يىتىدۇ؟

 داداڭ كەتسە ھەممە كىتىدۇ.

******************

 داداڭ يوقكى كاتاڭ يوللىرىڭ،

 داداڭ يوقكى پاساڭ پۇللىرىڭ.

 داداڭ يوقكى قاشاڭ قوللىرىڭ،

 داداڭ كەتسە ھەممە كىتىدۇ.

*****************

 ئاڭلىمايدۇ ھىچكىم ئاھىڭنى،

 ئېپ قويمايدۇ ھىچكىم رايىڭنى.

 تاپالمايسەن ئورنۇڭ–جايىڭنى،

 داداڭ كەتسە ھەممە كىتىدۇ.

*****************

 «جان» نى قۇشۇپ چاقىرماس ئېتىڭ،

 ئىتىبارسىز ئىلتىماس خېتىڭ.

قېپ قالىسەن شۇ يىتىم پېتىڭ،

 داداڭ كەتسە ھەممە كىتىدۇ.

*****************

 ھېيتمۇ ھېيىتتەك ئۆتمەيدۇ ئۇسىز،

ھاجىتىڭمۇ پۈتمەيدۇ ئۇسىز.

 غەم–قايغۇلار يۈتمەيدۇ ئۇسىز،

 داداڭ كەتسە ھەممە كىتىدۇ.

*****************

 سەن قايغۇرساڭ بېشىڭ سىلار يوق،

 ئۇدۇل تىگەر رەقىپ ئاتقان ئوق.

 چۈنكى داداڭ–ساڭا قالقان يوق،

 داداڭ كەتسە ھەممە كىتىدۇ.

*****************

 دادىسى بار،ئاڭلا نەسھىتىم ،

 ئۈتۈپ كەتمە ئويناپ بۇ پېتىم.

يوقلا ئايدا بولسا مىڭ قېتىم،

داداڭ كەتسە ھەممە كىتىدۇ.

 

 2015-يىلى 7-ئاينىڭ 14-كۈنى. ئاقسۇ





355 قېتىم كۆرۈلدى ئېزىزتۇرسۇن خەنجەرى ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-9-26 18:57:55  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ