دادا يېشىڭ ئەللىككە ئۇلاشتىمۇ
فەرۇق ئۇدۇنى
يۇلتۇز كەبى چاقناق كۆزۈڭ تورلاشتىمۇ!؟
مېھىر بىلەن يانغان يۈزۈڭ قولاشتىمۇ!؟
قىرانلىقتا باسقان ئىزىڭ دۇغلاشتىمۇ!؟
دادا يېشىڭ ئەللىككىمۇ ئۇلاشتىمۇ!!؟؟
ئەللىك يازنىڭ تومۇزىغا بېشىڭ ئەگمەي،
ئەللىك قىشنىڭ جۇدۇنىغا ھېچ تەن بەرمەي،
ئەللىك باھارنىڭ پەيزىنى بىر سۈرەلمەي،
دادا يېشىڭ ئەللىككىمۇ ئۇلاشتىمۇ!!؟؟
ھاياتىڭدا بارلىقىڭنى بىزگە ئاتاپ،
جاپالاردا چىشىڭ چىشلەپ قالماي ۋايساپ،
ياخشىلىقتا جان بالام دەپ بىزنى ئويلاپ،
دادا يېشىڭ ئەللىككىمۇ ئۇلاشتىمۇ!!؟؟
يىللار ئۆتتۈڭ ناھەقلىككە قۇربان بولۇپ،
نۇر ئىشقىدا يانغاچ قەلبىڭ ۋولقان بولۇپ،
قىرانلىقىڭ كەتتى شۇنداق خازان بولۇپ،
دادا شۇنداق قەلب گۈلۈڭ سولاشتىمۇ!!؟؟
ئۆتتۈڭ شۇنداق ۋىژدانىڭنى خاقان قىلىپ،
ھاياتىڭغا ئىيمانىڭنى مىيزان قىلىپ،
ئازابىڭغا گۈزەل سەبىر غەمخان قىلىپ،
دادا سەبىر كۆچىتىڭ چېچەك ئاچتىمۇ!!؟؟
********************************
تەنتەكلىكتە قويسام سۆزۈڭ ئاڭلىماي،
چۈشەندۈردۈڭ ھارماي تالماي قاقشىماي،
چۈشەندىمغۇ...ئەمدى مېنى ساقلىماي،
دادا يېشىڭ ئەللىككە ئۇلاشتىمۇ!!؟؟
نە بۇ ۋاقىت نېچۈن ئۆتەر شۇنچە تىز،
قالدۇرۇپتۇ يۈزلەرىڭدە يول يول ئىز،
شۇ ئىزلارغا سەۋەبچىمۇ يەنە بىز ،
دادا ئىزلار يۈزلىرىڭگە ياراشتىمۇ!!؟؟
نېچۈن دادا شۇنچە ھارغىن يۈزلەرىڭ،
نېچۈن دادا شۇنچە غەمكىن كۆزلەرىڭ،
بىلدىم دادا ھېكمەت ئىكەن سۆزلەرىڭ،
دادا يىللار ساڭا تەتۈر قاراشتىمۇ!!؟؟
رازى بولغىن دادا نادان ئوغلۇڭدىن،
گۈللەر ئۈنسۇن دۇئا قىلغان قولۇڭدىن،
ھېچ قايتماسمەن سېنىڭ ماڭغان يولۇڭدىن،
دادا يېشىم ئەللىككە ئۇلاشسىمۇ!!؟؟
2015.7.7
نادان ئوغلۇڭدىن رازى بول جېنىم دادا!!!
139 قېتىم كۆرۈلدى | فەرۇق ئۇدۇنى | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-9-7 1:38:06 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|