دوس دېگەن
ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم ،
بۇ دۇنيادا دوس دېگەن .
چۈنكى سېنى باشلايدۇ ،
ھەق ـ ناھەققە دوس دېگەن .
پۇل تاپقاندا يېنىڭدا ،
پەرۋانىدەك چۆرگىلەپ .
مال ـ دۇنيادىن ئايرىلساڭ ،
تاشلاپ كەتمەس دوس دېگەن .
مەنپەئەتنىڭ دوسلىقى ،
ھاجىتىدىن چىققۇچە .
مەنپەئەتكە ھەرگىزمۇ ،
دوسلاشمايدۇ دوس دېگەن .
ئىشنى خاتا قىلغاندا ،
تۈزەپ قويار ئىشىڭنى .
دۈشمەن بىلەن بىرلىشىپ ،
تاش ئاتمايدۇ دوس دېگەن .
ئۇچراشقاندا سەن بىلەن ،
ۋاي ئاداش دەپ ئالدىڭدا .
باشقا دوسنى كۆرگەندە ،
غاجىمايدۇ دوس دېگەن .
ئىمان،ئەخلاق ،غورۇرغا ،
دوس بولىدۇ دوس دېگەن .
شۇڭا سېنى باشلايدۇ ،
ياخشى يولغا دوس دېگەن .
ــ ئېرشاد ئۆزلۈك
2014 - 6 - دېكابىر
131 قېتىم كۆرۈلدى | ئېرشاد | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-9-7 17:06:27 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|