ئەلچە ئەۋەتسەم يارىم ئۆيېگە
شېئىر
ئاپتۇ:مۇساجان ئابدۇل،غولجا
www.yazghuqilar.com
==
ئەلچە ئەۋەتسەم يارىم ئۆيېگە،
ياخشىلىقتىن دىرەك بەرمىدى.
تۇتۇپ قايىتتىم ياقامنى كۈلۈپ،
قىزنى ئەسلا ئەرزان بەرمىدى.
نوركا پەلتۇ ھەتتا قۇلاقچا،
ئالغىن دەيدۇ يارىم ئانىسى.
قولىدىنمەن يىمەي بىر ناشتا،
پۇل بولۇپتۇ، سەتەڭ بالىسى.
ئالتۇن ھالقا قۇلاققا دەيدۇ،
ئالتە يەرگە تىشىپ سالارمىش.
نازۇك ئېكەن،ھى ھى،قوللىرى،
سۇنى كۆرسە داجىپ قاچارمىش.
بىلەيزۈكلەر ھەرخىل ھەر ياڭزا،
زەرگاچىغا بۇيرۇپ بىرەرمىش.
ئون بارماققا ئالسۇن دەپ ئۈزۈك،
ئانامنىمۇ ئېزدەپ يۈرەرمىش.
ھويلام توپا پاشىلىق ئېكەن،
رىستۇراندا پاككىز قىلارمىش.
ئۇسۇل تاڭسا جاپى دېگەننى،
قۇدغۇيلار ئويناپ بىرەرمىش.
شەھەرلەرنى سەييار قىلاركەن،
ئوتتۇز ماشىن ھۆددېگە ئېلىپ.
يانچۇقۇمدا ئاران بەشمىڭ كوي،
يوقنى تاپاي نەلەرگە بىرىپ.
سوراپ باقتىم مەنمۇ قىزقىپ،
قىممەت قىزىڭىز نانمۇ ياقامدۇ؟
پاگى سىلىپ خىمىرغا بىلمەي،
قاسقان ئىسىپ گۆش نان سالامدۇ؟
ئايال بولماق مۇشكۈل ئەزەلدىن،
گازىر چىقىپ ئوڭدا ياتامدۇ؟
يۈيۈپ تاراپ ياكى چىچىنى،
قاتار چايغا كىچە چاپامدۇ؟
تىللاپ كەتتى ئاڭلاپ ئانىسى،
قۇل قىلامتىڭ قىزىمنى گۇي دەپ.
يۇمىغانتى ئالدىمدا قوشۇق،
پەرىلەرنىڭ پەرىسى ئۇ دەپ.
ئاپتۇر،مۇساجان ئابدۇل،غولجا
1822643898:ئۈندىدار
2015 يىلى 8 ئاينىڭ 25 كۇنى
204 قېتىم كۆرۈلدى | مۇساجان ئابدۇل،غولجا | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-9-23 21:07:02 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|