يارىم سىنى ئەسلەپ
سۈبىھنۇر ئاتەش دولان
كەلدىم يىراقتىن ناتۇنۇش يۇرتقا،
كۆزلۈرۈم كوچىدىن ئىزدەيدۇ سېنى.
بىراق كۆرۈنمەس تونۇش چىرايىڭ،
سەنمۇ مىنىڭدەك ئىزلەمسەن مېنى.
كىچىلىرى چۈشۈمدىن چىقمايسەن پەقەت،
نەچچە رەت ئويغىنىپ كىتىمەن ئاستا.
كۆرگۈنۈم شۇدۇر قاراڭغۇ كىچە،
يۈرىكىم يىغلايدۇ ئەلەملىك ياشتا.
قەدەملىرىم ئاستا ماڭىمەن ئۇزاق،
بىلىمەن مەنزىلىم شۇنچىلىك يىراق.
قارا كۆزلەرگە تولار ئاچچىق ياش،
يۈرەكنى قىينىسا سىغىنىش پىراق.
بىلىمەن سەنمۇ ئەسلىدىڭ مىنى،
چۈنكى قەلبىڭدە ياشايمەن ئەبەد .
ھىجراننىڭ ئوتلىرى قىينىسا سېنى،
گۈلۈم ماڭا قارىتىپ ھەيدىۋەت.
مۇھەررىر: ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
ئۈندىدار :2041420589
174 قېتىم كۆرۈلدى | ataxdolan | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-6-3 12:13:28 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|