ئايرىلغان كۈن
رۇزىگۈل ئابدۇۋەلى
جانغا ئەلەم ، دىلغا ماتەم بولدى بۈگۈن ،
مەڭگۈلۈككە قەلبىمدە ھەم قالدى تۈگۈن ،
تۆت كۆز بىلەن كۈتكەن ئىدىم ۋىسالىڭنى ،
كۈتكەنلىرىم بوپ قالدىغۇ ئايرىلغان كۈن .
ئەمدى مېنىڭ يىگەن ئېشىم بولار زەھەر ،
سەنسىز كۈنلەر سېغىنىشتا ئۆتۈپ كېتەر ،
بىلسەڭ جېنىم يۈرەك سېنى مەڭگۈ كۈتەر ،
كۈتكەنلىرىم ئەمەس ئىدى ئايرىلغان كۈن .
ۋاقىت ئۆتەر ئۆزۈم يىغلاپ ئۆزۈم كۈلۈپ ،
چۈشلىرىمگە كىرىسەن ھەم تاتلىق كۈلۈپ ،
ئۆتكەن ئىدۇق جۈپ يۈرەكنى شوخ كۈلدۈرۈپ ،
كۈتكەنلىرىم زىنھار ئەمەس ئايىرىلغان كۈن .
يۈرىكىمدە سېنىڭ ئويغان نەقىشىڭ بار ،
نەدە بولسام ئۇنتالمايمەن سېنى زىنھار ،
سەنسىز جاھان قاراڭغۇدۇر زۇلمەت ھەم تار ،
كۈتكەنلىرىم ئەمەس پەقەت ئايرىلغان كۈن .
داغدا قالدىم بىر ئۆمۈرگە دەرتلىرىڭدە ،
ئامالىم يوق يارسام يۈرەك بۇ تەقدىرگە ،
ئايرىلغاندا كېلەرمەنمۇ ئەسلىرىڭگە ،
كۈتكەنلىرىم ھەرگىز ئەمەس ئايرىلغان كۈن .
ئېيىتقىن جېنىم ئامال بارمۇ مەن غېرىپقا ،
غەمسىز ئۆتكەن شۇ كۈنلەرنى ھەم ئۇنتۇشقا ،
كىمگە ئەرز ئېيتاي دەرتتىن قۇتۇلۇشقا ،
كۈتكەنلىرىم زىنھار ئەمەس ئايرىلغان كۈن
مۇھەرىر : ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
ئۈندىدار : 2042420589
ئەسكەرتىش : ئەسەرلەرنى تورىمىز ۋە ئاپتۇرنىڭ ماقۇلىقىنى ئالماي ھەر قانداق مەدبۇئات ئورۇنلىرى ، توربەت ، سالۇنلارنىڭ خالىغانچە تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ . ئەگەر شۇنداق ئەھۋاللار بايقالسا بارلىق ئاقىۋەتكە تارقاتقۇچى تەرەپ مەسئۇل بولىدۇ !!!
56 قېتىم كۆرۈلدى | رۇزىگۈل ئابدۇۋەلى | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-6-19 10:30:32 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|