تۈن لىرىكىسى
جىمجىت كىچە ، پىنھان ھوجرىدا ،
كۆزلىرىمدىن يىراقتۇر ئۇيقۇ .
خىيالىمنىڭ ساھىللىرىدا ،
دولقۇنلايدۇ نازۇك بىر تۇيغۇ .
دىرىزىگە تىكىلىپ ئۈنسىز ،
مەۋھۇمدا بىر سىيمانى كۆردۈم .
قەلبىمدىكى تەنھا ئارالدىن ،
نىمىنىدۇر ئىستەيدۇ كۆڭلۈم .
كۈتتۈم ئۇزاق ساھىل بويىدا ،
كەلمەس لىكىن مەن كۈتكەن كىشى ،
ئىيىتتى ماڭا دولقۇنلاپ دىڭىز ،
ئەي ، ئەخمەق بۇ خىيالنىڭ چۈشى .
كەلدىم چۆچۈپ شۇئان ئۆزۈمگە ،
تاقەتسىزلا ئۆچۈپتۇ چىراق .
قەلبىم بۇندا چۈشتى تەشۋىشكە ،
قىينايدۇ بىر ناتونۇش پىراق .
مۇھەممەتجان تۇردى (ئارسىلانى)
2017-5-15 كىچە !
مۇھەرىر : ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
ئۈندىدار : 2041420589
49 قېتىم كۆرۈلدى | مۇھەممەتجان تۇردى (ئارسىلانى) | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-5-22 13:57:05 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|