(كىم ...؟)
بۈگۈن ئايغا ئون يەتتى،
ھەر كۈنىدە يىشىم بار.
سۈرتىۋەتتى يازنىڭ ئاپتىۋى،
زىمىستانغا ئەرزىم بار .
ئەي زىمىستان ئىيتقىنە؟!
يازغا تىخى ھىدىڭ يوق .
تۇڭۇپ تۇردۇ يۈرىكىم ،
باھارنىڭمۇ كارى يوق.
يالغۇزمىكىن دىسەم ئۆزۈمنى،
ئەتراپىمدا مىغ-مىغ ئادەملەر.
ياتسىرايمەن لىكىن نىمىشقا ؟!
نەدە قالدى دىلىمدىكىلەر.
قۇلاق تۈۋىمدە تۇنۇش بىر ئاۋاز ،
چىقتى قايسى تەرەپتىن .
تىۋىشلىرى كەلدى يىقىنلاپ ،
تۇنۇشمىدۇ ماڭا ئەزەلدىن.
مىنى بۇنچە يىغلاتقان كىمۇ؟
كىچىلەردە شىئىر يازدۇرۇپ.
تىپىشماق بۇ ئۆزۈمگە ھەتتا،
تۇرار مىسكىن قۇرى ئاھ ئۇرۇپ.
مىنى بۇنچە ساخلاتقان كىمۇ؟
زارۇقتۇرۇپ (مىنى) مىھرىگە .
شۇنىڭ ئۈچۈن تۈككەن يىشىممۇ،
ئەرزانمىدۇ مىھرى نەرقىگە.
يىغلىساممۇ پەرۋاسىز كىمۇ؟
مىھرى ئىسسىق كۆرۈنگەن،
تۇنۇش تۇرۇپ ناتۇنۇشلاردەك،
يۈرىكىمگە سوغوق بىلىنگەن.
بىلەلمىدىم زادى ئۇ كىمۇ؟
يىراقلاردىن مىنى چاقىرغان.
كەلگۈسۈممۇ ياكى ئۇ ئۈتمۈش،
ھەر كويلاردا مىنى ئالدىغان.
زادى كىمدۇ مىھرىنى بەرگەن،
كۆزلىرىمگە چىھرىدىن كۈلگەن.
ئۈمۈتلەرگە مىنى تولدۇرۇپ،
شىرىن تاتلىق كۈلدۈرگەن.
رەت قىلساممۇ ئىشىك چەككەن كىم؟
قايتا-قايتا مىنى ئازدۇرغان.
ئۆز-ئۆزۈمنى ناتۇنۇش قىلىپ ،
خاسلىقىمدىن(مىنى) تاندۇرغان.
مەنمۇ بولدۇم بىپەرۋا ،
ئالالمىدىم چۈنكى ئىسىمگە .
تەقدىرىمگە يىزىلمىغىنى،
تۇرۇپ قالىدۇ بەرىبىر گىلىمگە.
~ئاق ئەتتىرگۈل
178 قېتىم كۆرۈلدى | ئاق ئەتتىرگۈل | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-2 18:35:20 | :يوللانغان ۋاقتى |
2015-12-10 11:52:53 | 2198460258 |
ياخشى يىزىپسۇ ياشاپ كىتىڭ |
2015-8-3 1:23:22 | ھەدىڭىز |
رەھمەت |
2015-8-3 0:21:36 | Izdinix |
ئۈمۈتۋار بولۇڭ ھەدە بۇ مەن |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|