ھايات

ھايات

 

 قىسمەتلىرىڭ كۆپ ئ‍ىكەن ھايات ،

 تۇغۇلغاندىن ئ‍ۆلۈپ كەتكىچە .

ئ‍وتلۇرۇڭدا كۈل قىلدىڭ ھايات ،

 ياخشى يامان بىلىپ يەتكىچە .

 

كۈلكىلىرىڭ تاتلىقتۇر ھايات ،

 دىلدىن شۇنچە شاتلىنار ئ‍ادەم .

يىغىلارمۇ كەم ئ‍ەمەس ھايات ،

 ئ‍ازابىڭ ھەم دىللارغا ماتەم .

 

 يولىڭ بولغاچ تۇمانلىق ھايات ،

 كۆڭۈللەردە ساڭا گۇمان بار .

 يېشىلگۈچە تۈگىنىڭ ھايات ،

 كۈتەر بولغان ئ‍ارزۇ- ئ‍ارمان بار .

 

سىناقلىرىڭ تۈگىمەس ھايات ،

 ئ‍ۆلۈم قىستاپ يېتىپ كەلگىچە .

 خوش دەپلا كېتىسەن ھايات ،

 ھەربىر ئ‍ىنسان گۆرگە كىرگىچە .

 

 مەنزىلىم ~سەن 2015.8 ،20





298 قېتىم كۆرۈلدى مەنزىلىم ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-22 19:06:17  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ