دەريالاردا دولقۇن ياساپ ئاقار ھايات،
دەرت باستىمۇ چايقىلىدۇ كۆزىن ياشلاپ.
گاھ پىچىرلار شاماللارغا تىنچ ئېقىن،
تىنىقلىرى ئىز قالدۇرار ساھىل بويلاپ.
شۇنداق ئۆتكەن دېدى ۋاقىت سۆزگە كەرىپ،
غەمسىز،خوشال،سەبى ھېسلىق بالىلىقىم.
كۆز تاشلىغان يىراقلارغا سوئال بىلەن،
ھەممە گۈزەل يېڭى بولغاچ تۇيغۇلىرىم.
يىراقلاردىن كىلەر ئىدى ۋاقىت ئاستا،
ئالدىرايتتىم يىڭى يىڭى سوۋغىسىغا.
مەن بىلەن تەڭ چوڭ بولدىمۇ سسېخى ۋاقىت،
كۆزۈم ئاچسام سوۋغات تولار بوسۇغىغا.
سىناقلىرى تولا ئىكەن بۇ ھاياتنىڭ،
كۈلدۈرەركەن كۈلكە بىلەن ئالدار ئىكەن.
گاھ يىغلىتىپ گاھ قاقشىتىپ ھەر قەدەمدە،
سەبىرىڭنى غەيرىتىڭنى سىنار ئىكەن.
ماھىرە ئابدۇكىرىم
231 قېتىم كۆرۈلدى | ئەسەر يوللىغۇچى : | ||
2015-7-29 3:40:04 | :يوللانغان ۋاقتى |
2015-7-29 10:52:16 | ئابدۇغۇپۇر |
ئىسىلكە، |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|