غېرىپ بۇۋاي
ھاردۇق يەتتى بىلەككە،
ئۆزەم چۈشتۈم تىرەككە.
بالىلىرىم نەلەردىدۇ،
ھېچ كەلمىدى كىرەككە.
ئاغرىپ قالسام كىشىم يوق،
نان چايناشقا چىشىم يوق.
موماي كەتكەچ يېنىمدىن،
بىر پىيالە ئېشىم يوق.
ئەتىراپىم توپا - چاڭ،
يۆتەل بىلەن ئاتار تاڭ.
بۇۋاق كەبى ئايلىنىپ،
ياتقان يىرىم موشۇ كاڭ.
دادا ھالىڭ نىچۈن دەپ،
بىرەرىمۇ كەلمىدى.
ھايات تۇرۇپ بەرسەم مەن،
ھېچ ھالىمغا يەتمىدى.
ئۇزۇن قالماي كىتەرمەن،
كۆزىڭلەردىن يۈتەرمەن.
ئاناڭلارنىڭ قېشىدا،
بەخىت تېپىپ كۈلەرمەن.
شۇچاغ ئىزدەپ كەلسەڭلەر،
توپا باسقان كەپەمگە.
قېلىپ قالار ئىزلىرىم،
ياشلار ئاققان كۆرپەمدە.
2015-9-16
303 قېتىم كۆرۈلدى | metro | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-9-19 11:16:51 | :يوللانغان ۋاقتى |
2016-1-13 21:06:25 | huxhui |
ئاتا ئانىلار ھايات ۋاقتىدا قەدرىگە يېتەيلى |
2015-9-20 0:28:26 | ﺗﻮﺧﺘﻮﻏﯘﺟﻰ |
ﺋﺎﺗﯩلا مەﯕگۈ ﻳﺎشىسۇن |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|