مۇساپىرلىق
مەمىتىمىن كېرەم
چىن دىلىمدىن تىلەيمەن ھەرۋاق،
ئانا يۇرتۇم بولسۇن دەپ ئامان.
ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلغان بىلەر،
مۇساپىرلىق ھەممىدىن يامان.
يىقىلساممۇ يۆلىمەس ھىچكىم،
يۆلەنچۈكىم قەدىناسلار يوق.
قورسىقىم ئاچ قالمىغان بىلەن،
مەن كۆڭلۈمنى تۇتالمىدىم توق.
ھىچ بىر كىشى بەرمەس تەسەللى،
كۆڭلۈم يىرىم بولغان چېغىدا.
يۇرتۇم تامان ئۇچىدۇ خىيال،
قەلب دەرتكە تولغان چېغىدا.
ئۆز غېمىدە ئالدىراش ھەممە،
ئۆزگىلەرگە سالمايدۇ نەزەر.
غېرىبلىقتا كۈتسەم مۇھەببەت،
دىل يارامغا ياغىدۇ زەھەر.
ئۆتۈپ كېتەر ھېيت-ئايەملەرمۇ،
شۇنداق مىسكىن نەغمە-ناۋاسىز.
يۈرېكىمنى مۇڭ باسىدۇ مۇڭ،
تۇيغۇلىرىم ئۆلگەن-ساداسىز.
مىليون-مىليون ئادەم ئىچىدە،
يالغۇزلۇققا كېتىمەن چۆكۈپ.
كۆز يېشىمنى تۆكمىگەن بىلەن،
قان يىغلايدۇ يۈرېكىم ئۆكسۈپ.
شاماللارغا ھەر كۈنى دەيمەن،
ئالغاچ كەلگىن يۇتۇم ھىدىنى.
يۇرتىنى زەپ سېغىندى دەپ قوي،
مەن مۇساپىر باغرى زىدېنى.
2015-5-20
- شاڭخەي
252 قېتىم كۆرۈلدى | مەمتىمىن كېرەم | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-9-17 13:57:02 | :يوللانغان ۋاقتى |
2015-9-20 14:15:17 | arzu |
kulgizga darit kammisun bek yahxi yezipsiz,,,, |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|