تىرىڭ -تىرىڭ كىم ئويغاق
خەندانە(بالىلار شېئىرى)
تىرىڭ-تىرىڭ كىم ئويغاق،
چىن تۆمۈرگە كىم ئامراق.
مەختۇمسىلا كۆزى ياش،
قورقماس بالا تەييارلان،
يالماۋۇزغا جەڭ ئاتلان.
قىزىل بۆك قىز شادىمان،
ماڭغان مومىسى تامان.
گۈلدىن تىزدى گۈلدەستە،
زوقى قوزغار كىپىنەك،
بۆرە بولدى پايپىتەك .
تىرىڭ-تىرىڭ كىم ئويغاق،
قىزىل بۆككە كىم ئامراق.
بۆرە يۈتتى ئۇلارنى،
ئوۋچى بولۇپ تەييارلان،
ئاشۇ ئۆي شۇ، شۇ ئورمان .
كىرۇرانلىق بالىلار،
تاغلار ئاشتى دەريالار.
ئەلقۇت تۈرگۈن ئايچەچەك،
دوستى بولۇپ قېتىلساڭ،
ئاي-يۇلتۇز سىرى ئاچساڭ.
ئوينايدىغان تالا بار،
ئوينايدىغان بالا بار.
ئاپتاپ چىقتى سەنمۇ چىق،
تەبىئەتتە سېھىر بار،
چۆچەك-تىلسىم مېھىر بار.
تىرىڭ-تىرىڭ كىم ئويغاق،
تەبىئەتكە كىم ئامراق...
رامىلە ھامۇت خەندانە
2017-يىل 30-ماي (غۇلجا)
بۇ شېئىرنى زىمىندىكى چاقناق يۇلتۇزلار بولغان ئوماق بالىلارغا بېغىشلىدىم …
مۇھەررىر: ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
ئۈندىدار :2041420589
73 قېتىم كۆرۈلدى | handana | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-6-3 8:54:49 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|