سېغىنىش يولىدا
سەيپىدىن ئامۇت
يۈرۈكۈمدە بىرلا سىمايىڭ جانان،
تۇنۇماس سېنىڭدىن باشقىنى زىنھار،
نەلەردە يۈرۈيسەن سېغىندى ھالىم،
يولۇڭغا تەلمۈرۈپ بارىم ئىنتىزار.
شاتلىقىم كەتتى ئۇ يېراق-يېراقلاپ،
كۈنلەردە-تۈنلەردە ھەمراھىم پىراق.
قىينالدى-قىينالدى يۈرۈكۈم قان-قان،
دەردلىرىم بىر-بىرلەپ ئۇرماقتا پىچاق.
ھېجرانغا ئىلىندى كۆڭۈل تەلتۈكۈس،
ھەر-تىنىش ئىزدەيدۇ سورايدۇ سېنى.
يوقلۇقۇڭ سەھنىدە ئالماقتا باش رول،
يىگانەڭ مارىلاپ يۈرىيدۇ ئۈنى.
دىدارىڭ كۆرسىتەر تىنىنى قاچان،
كۆزلىرىم يادسىراپ ياشلاردا تىمتاق.
بىلدىڭمۇ-بىلمىدىڭ سېغىنغىنىمنى،
بىلىسەن! بىلمىدىم دىمىگىن ياق-ياق.
2015.14 ئاۋغۇست
145 قېتىم كۆرۈلدى | 1727758308 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-15 0:15:42 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|