ﻛﻪﻟﺴﻪم ﻳﯧﻨﯩﯖﻐﺎ
ﺋﺎﺑﺪۇرەﺷﯩﺪ ﻛﯧﺮﯨﻢ
ﺋﺎﺗﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﻟﺴﻪﻣﻤﯘ ﻳﯧﻨﯩﯖﻐﺎ،
ﻗﺎراپ ﻗﻮﻳﻤﺎﻳﺴﻪﻧﻐﯘ ﻳﻮﻟﯩﻤﻐﺎ .
ﻗﯩﻠﻐﺎن ﺋﻪﻗﯩﺪەڭ ﺷﯘﻣﯘ ﺳﯩﻨﯩﯔ،
ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﯩﺪﯨﻢ ﺋﻪﻗﯩﺪە ﺳﺎﯕﺎ .
زﯦﺒﺎﻟﯩﻘﯩﯔ ﻗﻪﻧﻪ ﭘﻪزﻟﯩﯖﺪە،
ﻛﯚرﯨﻨﻤﻪﻳﺪۇ ھﯩﭻ ﺑﯩﺮ ﺟﯩﮭﺮﯨﯖﺪە،
ﻛﯚﯕﯩﻞ ﺑﯩﺮﯨﭗ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﻗﯩﻠﺴﺎﻣﻤﯘ،
ﺑﻮﻟﺪى ﺋﺎﺧﯩﺮ ﺧﯩﻴﺎﻧﻪت ﺋﯚزﯨﯖﺪە .
ھﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﻛﯚﯕﻠﯩﻤﻨﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜرۈپ،
ﻳﯜرۈﭘﺴﻪﻧﻐﯘ ﺋﯚزﯨﯔ ﺷﯘﻣﺸﯜﻳﯜپ .
ﮔﯜل ﺑﻮﻟﺴﺎڭ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ زﯨﺒﺎﻟﯩﻘﯩﯔ،
ﻳﯜرﺳﻪن ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘﻧﺪاق دوﻣﺴﯜﻳﯜپ .
ﭼﯧﺮاﻳﻠﯩﻖ - ﭼﯩﺮاﻳﻠﯩﻖ ﺋﻪﻣﻪس ﺗﻪڭ،
ھﯚﺳﻨﻰ ﺧﯘﻟﻘﻰ ﭼﯩﺮاﻳﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﺴﻪڭ .
ﻛﯚﯕﯩﻞ ﺑﯩﺮﯨﭗ ﻳﯩﺮاﻗﻘﺎ ﺑﺎﻗﺴﺎڭ،
ﻗﻪﻟﺒﯩﯔ ﻗﺎراﻛﻪن ﺷﯘﻧﻰ ﺑﯩﻠﺴﻪڭ .
ﺋﺎزﻏﺎﺷﻤﺎ ﺋﻪﻛﯩﻠﺪار ﻧﻮﻟﺴﺎﯕﻤﯘ،
ﺋﯚز ﺑﯩﺨﺘﯩﯖﻨﻰ ۋەﻳﺮان ﻗﯩﻠﺴﺎﯕﻤﯘ،
ﺑﻮﻟﻤﺎ ﻏﺎﭘﯩﻞ،ﻧﺎدان ﺑﻮﻟﺴﺎﯕﻤﯘ،
ﺗﺎپ ! ﺑﻪﺧﺘﯩﯖﻨﻰ ﻳﺎﻟﻐﯘز ﻗﺎﻟﺴﺎﯕﻤﯘ .
ﺋﺎزﻏﯘﻧﻼردﯨﻦ ﺑﻮﻟﻤﺎ ﮔﯜﻟﻠﻪپ ﻳﺎﺷﻨﺎڭ،
ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﺪە ﭘﯘرەﻛﻠﻪپ ﺑﻪھﺮى ﺑﻪر .
ﮔﯜزەل ﺋﻪﺧﻼق ﺑﻮﻟﺴﯘن ﺳﺎﯕﺎ ھﻪﻣﺮا،
ﺷﯘﻧﺪاق ﭘﺎرﻻپ ﻧﯘر ﭼﯩﭽﯩﭗ ﻣﻪﯕﮕﯜ ھﻪﻣﺮا .
244 قېتىم كۆرۈلدى | ﺋﺎﺑﺪۇرەﺷﯩﺪ ﻛﯧﺮﯨﻢ | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-9-20 19:03:27 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|