تەمبۇرۇم
ھەر بارە يۈرەكنى چىكەر تەمبۇرۇم،
مۇڭىدىن قەسىدە پۈتەر تەمبۇرۇم.
ئىيتىمەن سازلارنىڭ شاھى،تاجى دەپ،
ئەڭ گۈزەل كۈيلەرنى تۈكەر تەمبۇرۇم.
نىچۈندۇر ئازاپلىق بىر ناۋا ئەيلەر،
گاھ شىىرىن تۇيغۇمدا ئۆزەر تەمبۇرۇم.
بەزىدە ھەركىمگە بولۇپ لىرىكا،
شىرىن بىر لەززەتنى بىرەر تەمبۇرۇم.
بەزىدە ھەسرەتۇ-قايغۇ بىغىدا،
ئازاپلىق بىر خىيال سۈرەر تەمبۇرۇم.
ھەر كىملەر ھەرخىيال بىلەن بەنىتتۇر،
چۈشەنسە ھەر دىلنى سۆيەر تەمبۇرۇم.
نىمىگە مۇنچىلا غىرىپ كۈيچىسەن؟
يىغلايمەن بەزىدە بىلەر تەمبۇرۇم.
خىيالىم بەرگىدە تۇرىدۇ يالغۇز،
ئاھ نىچۈن يىغىدەك كىلەر تەمبۇرۇم.
ئۆزقىر
165 قېتىم كۆرۈلدى | ئۆزقىر | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-14 10:48:27 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|