دوپپا
موخەممەس
ئاپتۇر :ئېھسان (ئاۋات)
كىملىكىمنىڭ گۇۋاھچىسى بۇ دوپپا،
تارىخىمنىڭ قوليازمىسى بۇ دوپپا.
ئەجدادىمنىڭ ياد نامىسى بۇ دوپپا،
ئەۋلادىمنىڭ ئاتا مىراسى بۇ دوپپا.
ئۆز خەلقىمنىڭ شاھ تاجىسى بۇ دوپپا.
دوپپا بولسا يىگىتلىكىم شوھرىتى،
ئۇ دىگەننىڭ ئەلنىڭ قەدرى -قىممىتى.
شۇڭا دوپپا يىگىتلىكىم ئىززىتى،
دوپپا دىگەن ئەل دوئاسى ھىممىتى.
ئۆز خەلقىمنىڭ شاھ تاجىسى بۇ دوپپا،
دوپپا كىيگەن يىگىتلەر بولغان ئىدى چەۋەنداز،
دوپپا كىيىپ شۆھرەت ئالغان نى جامباز.
دوپپا بولسا ئەزەلدىن تارىخىمغا پايانداز،
ئۇنى كەيگەن يىگىتلەر قىزتقانتى نەغمە-ساز.
ئۆز خەلقىمنىڭ شاھ تاجىسى بۇ دوپپا.
قايسى ئەل كۆرسە ئۇنى ماختىشار،
بېغىشلايدۇ دوپپا ئۇيغۇرۇمغا ئىپتىخار.
ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ ھۆسنىگە خۇي يارشار،
قامەتىگە باشقىلار ھەۋەسلەردە قارىشار.
ئۆز خەلقىمنىڭ شاھ تاجىسى بۇ دوپپا.
قىز-ئاياللار كەشتىلىدى تۈجىپىلەپ،
ئەجدادىنىڭ باسقان ئىزىنى ئەسلەپ.
باغۇ-بوستان گۇللەرنى ھەم كەچتىلەپ،
جاندىن ئەزىز بىلدى ئۇنى پەپىلەپ.
ئۆزخەلقىمنىڭ شاھ تاجىسى بۇ دوپپا.
دوپپا بولسا مىللىتىمنىڭ بەلگىسى،
غۇرۇرىمىزنىڭ شاھانىسى مىۋىسى.
دەيمىز ئۇنى ئەنئەننىڭ نەمۇنىسى،
باسقان قەدەم ۋە ئىزلارنىڭ بەلگىسى.
ئۆز خەلقىمنىڭ شاھ تاجىسى بۇ دوپپا.
بادام دوپپا يىگىتلەرنىڭ قامىتىگە قامەتدۇر،
چىمەن دوپپا قىزلىرىمنىڭ ھۆسنىگە ئامەتدۇر.
كەيسە دوپپا ھەر بىر كىشىگە راھەتدۇر،
دوپپىمىزنى يوقات ساق بىزلەرگە بۇ ئاپەتدۇر.
ئۆز خەلقىمنىڭ شاھ تاجىسى بۇ دوپپا.
2015/20ئاۋغۇسىت كەچ
ئۇندىدار 1410037590/ihsan571633
132 قېتىم كۆرۈلدى | ihsan571633 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-23 12:45:04 | :يوللانغان ۋاقتى |
2015-8-28 16:50:59 | لۇتفى |
بۇرادەر شېئىر دىگەننىڭ بوغۇم، تۇراق، قاپىيە دىگەن ئۆلچىمى بولىدۇ، بۇ يازغىنىڭىز بۇ ئۆلچەملەرنىڭ بىرىگىمۇ ئۇيغۇن بولماپتۇ، ئالدىراپ تەنتەكلىك قىلماي كۆپرەك ئۈگىنەرسىز..... |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|