كەلدى ئايەم كەلدى ھېيت
ئېھسان (ئاۋات)
كەلدى ئايەم كەلدى ھېيت،
باي-گادايغا ئوخشاش ھېيت.
مەزلۇم يۇرسە ئاچ قورساق،
ساڭا بۇلۇر قانداق ھېيت.
كەلدى ئايەم كەلدى ھېيت،
قېرى ياشقا تەبرىك ئېيت.
ساخاۋەتنى باشلاپ قوي،
يېزىۋەرمەي شېئىر-بېيت.
كەلدى ئايەم كەلدى ھېيت،
ھەق ئىگىسىگە ھەمدۇ ئېيت.
مىھمان بولسۇن مىسكىنلەر،
ئۇلارغىمۇ ئوخشاش ھېيت.
كەلدى ئايەم كەلدى ھېيت،
ھەممە ياقتا خۇشاللىق.
دام-دام قىلما يىتىمغا،
قىينىمىسۇن جۇدالىق.
كەلدى ئايەم كەلدى ھېيت،
ھەممە ئەتراپ تەنتەنە.
غىرپلارنى ھېيتلىتىش،
گۈزەل ئەخلاق ئەنئەنە.
2015/9/21كۈنى (ئاۋات)
ئۈندىدارihsan571633
132 قېتىم كۆرۈلدى | ihsan571633 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-9-21 19:22:07 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|