مەنزىلىمگە يېتىۋالغۇم بار
سەيپىدىن ئامۇت
يول-يوللارغا سۈركەپ قەدەمنى،
چېتىۋىلىپ ئىتىگە پەمنى.
ئاخىرەتكە قىلىمەن غەمنى.
مەنزىلىمگە يېتىۋالغۇم بار.
تۇيغۇلاردا يۈرىمەن تاتلىق،
ئارمانلىرىم يۈرۈكۈمدە لىق.
رەھمەتلەردە بار ئىدۇر شاتلىق،
مەنزىلىمگە يېتىۋالغۇم بار.
مۇنچاق-مۇنچاق كۆزلىرىمدە ياش،
مەن تېخىچە كۆتۈرمىدىم باش.
ئىمانىمدۇر ماڭا چىن ئاداش،
مەنزىلىمگە يېتىۋالغۇم بار.
ئۆتۈپ بارار ئۇشبۇ ياشلىقىم،
يوققۇ تېخى كۆڭۈل بايلىقىم.
نەدە يۈرگەن قەلەمقاشلىقىم؟
مەنزىلىمگە يېتىۋالغۇم بار.
دەردلىرىم بار يۈرەكتە قات-قات،
ھېچ كۈلدۈرۈپ بولالمىدىم پات.
بىلگىنىمدە تېخى مەن ھايات،
مەنزىلىمگە يېتىۋالغۇم بار.
كۈندۈز دېگەن بار تۈن پاتقۇچە،
ئەڭ ئاخىرقى بىر كۈن قالغۇچە.
ئەجەل كېلىپ جاننى ئالغۇچە،
مەنزىلىمگە يېتىۋالغۇم بار.
2015.21 ئاۋغۇست
129 قېتىم كۆرۈلدى | 1727758308 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-23 0:44:11 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|