كۆنەلمىدىم سەنسىز ئۆتۈشكە
( ياسىنجان سەلەيئاخۇن )
ھەر كۈن سەھەر يولۇڭغا قاراپ ،
كەچ ياتىمەن تىلفۇنۇڭ ساقلاپ ،
ئۇزۇن تۈنلەر سىنىلا ئويلاپ ،
كۆنەلمىدىم سەنسىز تۇنلەرگە .
ئىيتالماستىن دەردۇ ھالىمنى ،
تاپالماستىن يا ۋىسالىڭنى ،
ئاڭلىيالماي بىر ئاۋازىڭنى ،
كۆنەلمىدىم سەنسىز كۈنلەرگە .
باققا بارسام قەلبىم پىغانە ،
سەن يوق يالغۇز يۈردۈم يىگانە ،
بويۇن قىسىپ بولۇپ بىچارە ،
كۆنەلمىدىم سەنسىز كۈنلەرگە .
بىز چۈشكەن شۇ سۇرەتكە قاراپ ،
ياش ئەگىدى كۆزدىن تاراملاپ ،
ئۆز ئۆزۈمنى قەستەن ئازاپلاپ ،
كۆنەلمىدىم سەنسىز كۈنلەرگە .
سىغىنىمەن ھەر دەم يار سىنى ،
سىغىنامسەن سەنمۇ ھەم مىنى ،
چۇشلىرىمدىن ئىزدەپ يار سىنى ،
كۆنەلمىدىم سەنسىز كۈنلەرگە .
گۈل ئىشقىدا سايرىسا بۇلبۇل ،
سەن كىلەرسەن يادىمغا ئۇدۇل ،
قىلالمىدىم بۇ دەرتنى قوبۇل ،
كۆنەلمىدىم سەنسىز كۈنلەرگە .
چۈشلىرىمدە قىلىسەن بايان ،
تاشلاپ مىنى كەتكىنىڭ ئايان ،
ئۇنتۇش ساڭا بولسىمۇ ئاسان ،
كۆنەلمىدىم سەنسىز كۈنلەرگە .
جاۋاپ بەرگىن ئەي كۆزى خۇما ،
سىنى سۆيسەم بوپتىمۇ گۇنا ،
ماڭا ئۇۋال قىلمىغىن بۇندا ،
كۆنەلمىدىم سەنسىز كۈنلەرگە .
ئىغىر كۈندە بىللە يۈرگەنتۇق ،
مۈشكۈللەرنى بىللە يەڭگەنتۇق ،
پاك سۆيگۈمىز مەڭگۈ دىگەنتۇق ،
كۆنەلمىدىم سەنسىز ئۆتۈشكە .
كۆندىڭمۇ يا مەنسىز ئۆتۇشكە ،
مەن كۆنمىدىم سەنسىز يۈرۇشكە ،
تاقىتىم يوق غەمسىز كۈتۈشكە ،
كۆنەلمىدىم سەنسىز ئۆتۈشكە .
پاك سۆيگۈمگە قىلىپ ھەم ئۇۋال ،
مىنى ئۇنتۇپ كەتتىڭ ئىھتىمال ،
ئۇنۇتساڭمۇ شۇنى بىلىۋال ،
كۆنەلمىدىم سەنسىز ئۆتۇشكە .
ياسىنجان سەلەيئاخۇن
كۈنەس ناھىيە ئۈچ بۇلاق كەنتىدىن ……
956 قېتىم كۆرۈلدى | 18699977794 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-13 13:44:46 | :يوللانغان ۋاقتى |
2015-8-18 14:42:30 | ئىپارگۈل |
ياخشى ئەسەركەن |
2015-8-17 0:28:38 | ئايگۈل |
بەك ياخشىكەن بۇ تىمىلار سىلەرگە ئاپرىن تىنىڭلار سالامەت كۈنلىرىڭلار خوشال خورام ئۆتسۇن ئىشلىرىڭلاغا ئۇتۇق تىلەيمەن |
2015-8-16 17:34:55 | رابىيە |
بەك ياخشى يىېزىلىپتۇ ئاللا زېھنىڭنى ئۇچۇق قىلسۇن،،،،،،،،،ئېنشائاللا |
2015-8-16 9:35:33 | رابىيە |
بەك ياختۇردۇم بەك ياخشى يىېزىلىپتۇ |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|