ۋەتەن
مۇكەررەم
ئۇلۇغ جۇڭخۇا ۋەتىنىم پارلاپ چىققان كۈن گويا،
يەتتە قىتئە ئىچىدە چولپان كەبىي ئاسىيا .
باغرىدا بىز ياشىدۇق ،ياشنىدۇق ھەم بىغۇبار،
مەڭگۈ سۆيۈپ ياشايمىز،قىلىپ ئاڭا جان پىدا.
جان دېدۇق ،جانان دېدۇق ،دۇنيا دېدۇق تېپىلار
ۋەتەن بولسا ھەممىسى،بىلىپ كەلدۇق تۇتىيا.
بۇ ۋەتەندە ياشىغان ئالىم،شائىر،ئىنژېنېر،
كۈيلەپ ئانا ۋەتەننى تۆكۈپ كەلگەن نۇر-زىيا.
ئىخلاس بىلەن بىزمۇ ھەم ماڭدۇق ئەجداد ئىزىدىن ،
پەخىرلەنسۇن سۆيۈنسۇن،ئەجداتلىرىم ئىپتىدا.
ئۇلۇغ ئانا ۋەتىنىم ،ماياكتۇر ئۇ تۈندىكى ،
زېمىنىدا يېشىللىق بەرق ئۇرار دائىما .
توڭلىغانغا ھارارەت بەخش ئېتەر ۋەتىنىم ،
چاڭقىغانغا زەمزەمدۇر ،ياشنار بۇندا گۈل گىياھ!
تەھرىردىن ئىزاھات: بۇ ئەسلى غەزەل شەكلىدىمۇ ئەمەس بىر مەشق ئەسەر ئىكەن،ئاساسىي مەقسەتنى ساقلاپ قالغان ھالدا،قايتا تۈزىتىپ يېزىپ چىقتىم،بۇمۇ نۆۋىتىدە ھەۋەسكار شائىرە سىڭلىمىزغا روھىي جەھەتتىن مەدەت ۋە ئىلھام بولغۇسى، بۇنى ئەسلى ئەسەر بىلەن سېلىشتۇرۇپ چىقىپ،كېيىنكى ئەسەر يېزىشتا پايدىلانغاي.
تەھرىر:مۇھەممەدتوختى سەببەت
مۇھەررىر:ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى .
ئاپتورنىڭ ئەسلى يازمىسى:
ۋەتەن
مۇكەررەم
جۇڭخۇا ۋەتىنىم پارلاپ چىققان كۈن بىلەن تەڭ ،
ئاسىيادا چولپان بولۇپ چاقنىغان ئەڭ .
باغرىدا ياشىدۇق ،ياشنىدۇق ،بار تۈگىمەس قەرز ،
ياشايمىز يەنە ،تاشمۇ چۈشكەن يېرىدە ئەزىز .
جان دېدۇق ،جانان دېدۇق ،دۇنيا دېدۇق ھەممە تېپىلار ،
ۋەتەنلا بولسا قانغا قان ،جېنىمىزغا جانان قېتىلار .
بۇ زېمىندا قەھرىمانمۇ ،شائىرمۇ ئۆتكەن ،
كەڭ ساماغا ئالقىش ۋە مەدھىيە تۆككەن .
ئىخلاس بىلەن بىزمۇ ماڭدۇق ئەجداد ئىزىدىن ،
كۈلسۇن ،پەخىرلەنسۇن دەپ ئوغۇل -قىزىدىن .
ۋەتەن چۆچەك ئەمەس ،ماياكتۇر ئۇ تۈندىكى ،
ھاياتقا ھەمدەم بولغان قۇياشتۇر كۈندۈزدىكى .
توڭۇغاندا گۈلخان بولۇپ يانغىنى ۋەتەن ،
ئۇسسىغاندا يامغۇر بولۇپ تامغىنى ۋەتەن .
230 قېتىم كۆرۈلدى | tuntekin | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-6-4 19:40:39 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|