دادا
مەمەتجان سەمەت
بالىلىق مەن بۇرچۇمنى ئادا،
قىلالمىغاچ ئالدىڭدا دادا.
ئاق سانجىلدى چېچىڭغا مانا،
راھىتىمنى كۆرمەيسەن دادا.
تەتۇر بولغاچ پىشانەم مېنىڭ،
خۇشاللىقىڭ يوق بولۇپ سېنىڭ.
دەريا كەبى ئاقتى كۆز يېشىڭ،
راھىتىمنى كۆرمەيسەن دادا.
جاپا يىمدا بىلىڭ مۈكچەيدى،
كۈندىن كۈنگە بېسىم كۈچەيدى.
يۈزلىرىڭدە قورۇق كۈپەيدى،
راھىتمنى كۆرمەيسەن دادا.
ئۆتۈپ كۈنىڭ دەردىمدە تەستە،
يۈرەك باغرىڭ بولۇپ قان لەختە.
كىرىپ قاپسەن يەتمىش يەتتىگە،
راھىتىمنى كۆرمەيسەن دادا.
مۇھەررىر: ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
ئۈندىدار :2041420589
100 قېتىم كۆرۈلدى | mamatjan520 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-6-18 11:18:33 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|