ئۇستاز ۋە ئوقۇتقۇچى
ھەزرەتئېلى سەمەت
قەلبىمىزدە ئالىم ئۇ دۇنيانى تونۇتقۇچى،
مەشئەلىدۇر ئىنساننىڭ دىلىنى يورۇتقۇچى.
بىلىمسىزلىك پىتنىخور ناداننى يوقاتقۇچى،
شۇڭا ئۇلۇغ ئىنساندۇر ئۇستازۋە ئوقۇتقۇچى.
ئابدۇخالىق ۋەتەۋپىق يولىنى كۆرسەتكۈچى،
خاس ھاجىپنىڭ قۇتادغۇ بىلىكنى ئۆگەتكۈچى.
بىلىمدە يوق ساۋاتسىز جاھىلنى تۈگەتكۈچى،
شۇڭا ئۇلۇغ ئىنساندۇر ئۇستازۋە ئوقۇتقۇچى.
ئەخلاقى يوق ياماننى ياخشىغا ئۆزگەرتكۈچى،
خۇراپاتتىن قالاقتىن نامراتتىن قۇتقازغۇچى.
غەپلەت باسسا خەلقنى بىلىمدە ئويغاتقۇچى،
شۇڭا ئۇلۇغ ئىنساندۇر ئۇستازۋە ئوقۇتقۇچى.
ئەدەپسىزگە ئۆگىتىپ ئەخلاق ھەم پەزىلەتنى،
ۋىجدانسىزغا سىڭدۈرۈپ مۇھەببەت ۋەنەپرەتنى.
ياشاپ ئۆتتى تەربىيلەپ خەلىقنىڭ پەرزەنتىنى،
شۇڭا ئۇلۇغ ئىنساندۇر ئۇستازۋە ئوقۇتقۇچى.
قورال قىلىپ قەلەمنى بىلىم ئال دەپ يازغۇچى،
مائارىپتا بولدى ئۇ ئانا تىل قوغدىغۇچى .
پەخىرلىنەر مىللەت خەلق ھەتتاكى ئوقۇغۇچى،
شۇڭا ئۇلۇغ ئىنساندۇر ئۇستازۋە ئوقۇتقۇچى.
دانالاردىن ئۆگىنىپ پەلسەپە ھەم ئىدىيە،
ئىزباسارغا سىڭدۈردى مەنىۋى ئاڭ تەربىيە.
ئازلىق قىلار ئۇنىڭغا ئېيتساقمۇ مىڭ مەدھىيە،
شۇڭا ئۇلۇغ ئىنساندۇر ئۇستازۋە ئوقۇتقۇچى.
224 قېتىم كۆرۈلدى | xohyigit | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-9-30 22:21:52 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|