تۆمۈر خەلپە
(ئىز رومانىنى ئوقۇغاندىن كېيىن)
شۇنچە نوچى ئەر ئىدىڭ سەن شامەھسۇتنى قورقۇتقان،
قوزغىلاڭغا باش ئىدىڭ قومۇل خەلقىنى ئويغاتقان.
خەلقىمىزگە سەركە بولغان تۆمۈر خەلپە ئەر ئىدىڭ،
ئەقىل پاراسىتىڭ بىلەن ئەلنى شىردەك قوپتۇرغان.
بەش شەھەر ۋە ئون ئىككى تاغ ئۈمىد يۇلتۇزى بولۇپ،
دانا تەدبىرلىرىڭ بىلەن دۈشمەننى باش ئەگدۈرۈپ.
يىراق كۆرەرلىكىڭ بىلەن خەلپە بولدۇڭ باش بولدۇڭ،
باتۇرلۇقۇڭ بىلەن غەپلەت باسقان يۇرتنى ئويغۇتۇپ.
قومۇلغىلا ئەركە ئەمەس بارچە يۇرتتا ئەر بولدۇڭ،
ئادالەتسىز شۇ زاماندا ئەلگە باش پاناھ بولدۇڭ.
ئەزىمەتلەرنى مەرگەنلەرنى يىغىپ ئەتىراپىڭغا،
ئاشۇ زالىم پادىشاھنىڭ كۆزىگە كىرگەن مىخ بولدۇڭ.
شامەھسۇتنىڭ ئەسكەرلىرى ئاقچۇق سېيىدا ياتتى،
تۆمۈر خەلپە تاغدا تۇرۇپ چېرىك بېشىغا ئاتتى.
تېرىپېرەڭ بولغان قوشۇن قورقۇپ كەينىگە قاچتى،
شامەھسوتنىڭ كۈچى يەتمەي سوۋغا سالام ئەۋەتتى.
قېرى تۈلكە ياڭ زېڭشىن لى شۇفۇنى ئەۋەتتى،
لى شۇفۇ موللام بولۇپ ئەلگە نەيرەڭ ئىشلەتتى.
تۆمۈر خەلپە ئىككى يۈز ئەرنى باشلاپ ئەپ كەتتى،
ياڭ زېڭشىن دېگەن بۆرە بىرنى قويماي يەپ كەتتى.
-سەۋىر
312 قېتىم كۆرۈلدى | 1366914514 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-16 23:59:56 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|