مۇقىملىقتا - گۈللىنىش
تۇرغۇن راخمان كەمتەر
ئەخلاق بىلەن گۈزەلدۇر بىلسەڭ ئىنسان ھەر قاچان ،
بولغىن ئۈلگە ئەۋلاتقا ئېچىپ چىراي مېھىرلىك .
سەمىمىي ھەم راستچىل بول دېسەڭ تاپاي ئىناۋەت ،
دىيانەتنى ئەيلە يار قويار داغدا كېبىرلىك .
سۇ ئىچىدۇ كۆڭۈللەر مۇھەببەتلىك دىللاردىن ،
خىسلىتىڭدىن ئەۋلاتنىڭ نۇرلاندۇرغىن قەلبىنى .
كۈيلە ئېزىز ۋەتەننى يېزىپ داستان شەنىگە ،
ئانا ئەلدە ھەر كىشى تاپار ئىززەت قەدرىنى .
يىراق تۇرغىن ئازغاندىن سېنى چۆلدە تاشلايدۇ ،
قۇچساڭ شەرەپ ھەسەتتىن تىنماي ئورا كولايدۇ .
پەزىلىتى ئەجداتنىڭ مۇساپەڭدە چاقنىسۇن ،
ئازغۇنلارغا قۇت ئامەت ئەسلا نېسىپ بولمايدۇ .
ئەل سۆيگەنلەر ھۆرمەتتىن كېيىدۇ تاج بېشىغا ،
گۈلزارىنى پەرۋىشلە پاسىبانىڭ ۋەتەننىڭ .
تىرىش - تىرماش بىلىم ئال ئىدراكىڭنى تاۋلىغىن ،
پارلاق ھامان ئىقبالى مەرىپەتنى سۆيگەننىڭ .
ئىنتىلمىگىن سەن ئەسلا ئەجىر قىلمەي شۆھرەتكە ،
تەر ئاققۇزماي نەدىكىن ساڭا نىمەت تەييار نان .
تەرەققىيات ئاساسى پەن - تېخنىكا ئەي دوستۇم ،
سائادەتلەر سۇنۇپ قول ئۆتەر ئۆمرۈڭ پاراۋان .
ئۆم - ئىناقلىق بۈيۈك كۈچ غەلىبىگە باشلايدۇ ،
ئۇنتۇپ قالما ھەر قاچان "بۆلۈنگەننى بۆرە يەر " .
مۇقىملىقنى قوغدىساق باغاشلايدۇ گۈللىنىش ،
ئۇيۇلتاشتەك بىرلەشسەك يۈزلىنىدۇ شان -زەپەر .
مۇھەرىر : ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
ئۈندىدار : 2042420589
ئەسكەرتىش : ئەسەرلەرنى تورىمىز ۋە ئاپتۇرنىڭ ماقۇلىقىنى ئالماي ھەر قانداق مەدبۇئات ئورۇنلىرى ، توربەت ، سالۇنلارنىڭ خالىغانچە تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ . ئەگەر شۇنداق ئەھۋاللار بايقالسا بارلىق ئاقىۋەتكە تارقاتقۇچى تەرەپ مەسئۇل بولىدۇ !!
120 قېتىم كۆرۈلدى | turhun | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-6-20 16:34:04 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|