سۆيگۈ خېتى يازمىغان قالمىدى قىزىڭ
ئېھسان(ئاۋات)
تاغدەك ئىگىز بولسىمۇ قەدى-قامىتىڭ،
كىلىۋەرمەس ھەر كۈنى سىنىڭ ئامىتىڭ.
دەيدۇ بىركۈن شۇم پەلەك يېنىڭغا كىلىپ،
كىلە بەتبەخ يېنىمغا سەنمۇ بامىتىڭ.
ھايات دىگەن ئەزەلدىن شۇنداق ئۆتەركەن،
تۆت كۈن ھايات سىنىڭكى تۆت كۈنى مىنىڭ.
ياخشى ئىشىڭ بولمىسا ئەلنىڭ ئالدىدا،
ئەسقاتمايدۇ بىر كۈنى نامىڭ ۋە مېلىڭ.
گەر ئاشسىمۇ قىرىقتىن سىنىڭ بۇ يېشىڭ،
سۆيگۈ خېتى يازمىغان قالمىدى قىزىڭ.
ئۆتسە شۇنداق ئىشلاردا ئۆمرۇڭ ئاخىرى،
بۇلغىنىدۇ كەلگۈسىڭ، قىزىڭ ھەم ئىزىڭ.
ئىبرەتلەرنى كۆرۇپمۇ پىسەت قىلمىساڭ،
كىسەل چىرماپ تىنىڭنى پارلىماس يۈزۈڭ.
ئەگەر بولسا قىلمىشىڭ يۇقارقىلاردەك،
مىڭ ئېغىز ھەق دىسەڭمۇ يارىماس سۈزۈڭ.
چاڭگا سالساڭ ئۇيالماي نارسىدە قىزغا،
قورۇنمامدۇ سەندىكى ئادىمىيلىكىڭ.
قىلساڭ ئەگەر زىمىندا ئۇشبۇ قىلىقنى،
سىغماس ھەتتا زىمنغا ئۆلگەندە تىنىڭ.
ئاپتۇرى:ئېھسان (ئاۋات)
2015/9/21
ئاپتۇرىنى ئۈچۈرۇپ نامسز قىلماڭ
ئۈندىدار ihsan571633
311 قېتىم كۆرۈلدى | ihsan571633 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-9-28 8:02:22 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|