جىگدە چېچىكى
مېھىرنىسا قۇربان
ئەشۇ كۈنلەر چىقماس ئىسىمدىن،
دەريا بويى سەيلە قىپ ماڭغان.
گاھ چايقىلىپ،گاھى دولقۇنلاپ،
دەريا سۈيى جۆر بولۇپ ئاققان.
يېشللىققا پۈركەنگەن ئەتراپ،
بىر قارىسا كۆڭۈل يايرىغان.
توقايلاردا قۇشلار ئاۋازى،
كاككۇكمۇ بار مۇڭلۇق سايرىغان.
ھېرىپ قالغاچ بىز ئالدۇق ئارام،
چېچەكلىگەن جىگدە تۈۋىدە.
ئۈزۈپ ئېلىپ جىگدە چېچىكى،
قىسىپ قويغان ئىدىڭ چىكەمگە.
تاراپ شۇدەم خۇشپۇراق ھىدى،
دىماقلارغا ئۇرۇلۇپ كەتكەن.
چۆمۈلدۈرۈپ شېرىن ھىسلارغا،
كۆڭۈللەرگە راھەتلىك يەتكەن.
كۆزلىرىڭدە سۆيگۈ ئۇچقۇنى،
قىلغان ئىدىڭ مىڭبىر خىجالەت.
يەر تىگىدىن قاراپ قوياتتىم،
بۇ بىر شۇنداق سۆيۈملۈك ھالەت.
كۆزلىرىڭدە يېنىپ تۇرغىنى،
مۇھەببەتلىك سۆزلىرىڭ ئىكەن.
مەن ئۈچۈنلا ئېچىلغىن مەڭگۈ،
سەن مېنىڭكى چېچىكىم دىگەن.
ئۈزۈلمەسكە بىر جۈپ يۈرەكنىڭ،
دىل رىشتىسى باغلانغان شۇنداق.
ئۇچراشتۇرۇپ نا تونۇشلارنى،
تەقدىر قىلىپ قوياركەن قوشماق.
2017-6-10 غۇلجا شەھىرى
25 قېتىم كۆرۈلدى | 2550325358 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-6-10 20:24:04 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|