ئاشىق ئەمەسمەن
ئاپتۇرى: ئابدۇرسۇل ئەزىز
شېئېر يازدىم شائىر ئەمەسمەن ،
ياكى سۆزمەن مەددا ئەمەسمەن.
مۇھەببەتنى كۈيلەپ ھەر زامان ،
ۋىجدانسىزغا ئاشىق ئەمەسمەن .
ھاياتىمدىن كەتتىڭ يىراقلاپ ،
شۇندىن بۇيان خوشال ئەمەسمەن .
بوپتۇ كەتكىن مۇرادىڭغا يەت ،
ۋاپاسىزغا ئاشىق ئەمەسمەن .
شېئېرىمدا يېغلار ھەسرىتىم ،
ياشلار تۈگەپ كۈلگەن ئەمەسمەن .
چۈشلىرىمدە كۆرگەندە سىنى ،
تاتلىق خىيال سۈرگەن ئەمەسمەن .
شېئېر يازسام يۈرەك يېغلايدۇ،
ھەتتا قەلەم ئۆكسۈپ يېغلايدۇ.
سەن شاتلىنىپ كۈلگىنىڭ بىلەن ،
مەڭگۈ قەلبىڭ بۇنى سەزمەيدۇ.
154 قېتىم كۆرۈلدى | RuSuL | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-9-8 1:16:39 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|