ئەشۇ كۈنى ئىزىلدى يۈرەك
تۇرغۇن راخمان (كەمتەر)
ئەشۇ كۈنى ئىزىلدى يۈرەك، غەمگۇزارىم يىغلاپ يۈرگۈدەك،
زارلانمىدىم،چىدايمەن ئەردەك، دۇنيا تۇرسا سىناقتۇر بىلسەك،
قاراپ باقسام ئەتراپلىرىمغا، دوستلۇرۇممۇ ماراپ تۇرغۇدەك،
نومۇس بىلمەي مانا مۇشۇنداق، تىكەنلەرنى سانجىپ قويغۇدەك.
ئەشۇ كۈنى ئېزىلدى يۈرەك، قېرىنداشلار يىغلاپ كەلگۈدەك،
ئۇنۇتمايمۇ ئامال بولمىدى، دۈشمەنلىرىم خۇشال كۈلگۈدەك،
ئۆرتەنسىمۇ دەرتتىن يۈرەكلەر، يېقىنلىرىم قاراپ تۇرغۇدەك،
ھالسىزلىغان پەرىشتە ئانام، گۈللىرىمنى سۇغرۇپ يۈرگۈدەك.
ئەشۇ كۈنى ئىزىلدى يۈرەك، بولۇپ قالما سەنمۇ مېنىڭدەك،
پەخەس بولغىن ھايات ئاشۇنداق، بوغۇۋېتىپ، ئۇچۇپ كەتكۈدەك،
ئازاپلانساڭ كۆرۈپ تۇرۇپمۇ، كۈلۈپ قويۇپ زاڭلىق قىلغۇدەك،
توۋا دەيمەن قىلمىشلىرىغا، ئەسلىنىمۇ ئۇنتۇپ كەتكۈدەك.
ئەشۇ كۈنى ئىزىلدى يۈرەك، ھەممە مېنى يالغۇز قويغۇدەك،
ئېچىرقاپتۇ ياۋايى دوستۇم، يۈگرەپ كىلىپ، مېنى ئۇرغىدەك،
نۇمۇس يوقمۇ ۋىجدانسىز دوستۇم، گۇناھىڭنى ماڭا ئارتقۇدەك،
ياشلىرىنى يۈشۈرۈپ قويۇپ، ئازابى يوق كۈلۈپ يۈرگۈدەك.
ئەشۇ كۈنى ئىزىلدى يۈرەك، يايرىم مېنى تاشلاپ كەتكۈدەك،
ئىزىلدۈرمە قاقشىتىپ مېنى، ئازار قىلىپ، يارا بولغۇدەك،
ئېچىنمايمەن، كۈلۈپلا قوياي، نادان قىزلار ئازار قىلغۇدەك،
ئۆلتۈرمىدىڭ ياكى كەتمىدىڭ، ئەمدى قىزچاق،يۈتكىنە تىزرەك.
132 قېتىم كۆرۈلدى | تۇرغۇن راخمان(كەمتەر) | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-4-15 19:49:26 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|