يامان دىمەڭ ساقچىنى
شىرىن
بىر جاپاكەش ساقچىلار يامان دىمەڭ ساقچىنى ،
ھەچ چۈشەنمەس باشقىلار يامان دىمەڭ ساقچىنى .
ئۇ جەميەتنى ياخشىلار يامان دىمەڭ ساقچىنى ،
ياڭرىتىڭكى ناخشىلار يامان دىمەڭ ساقچىنى ،
قارا بولمىسۇن ياخشىلار يامان دىمەڭ ساقچىنى .
خىزمەت باشلار ئەڭ بۇرۇن سەھەر تاڭلار ئاتقاندا ،
ئۇ ئىشلەيدۇ جاپالىق سىز ئۇيقۇدا ياتقاندا
. ئاغرىنمايدۇ بىر ئېغىز تۈننى كۈنگە چاتقاندا ،
ئۇھ تارتىدۇ ئامال يوق <<سۆزلەر >>جانغا پاتقاندا ،
مىڭنى تىللاپ ئارقىدىن يامان دىمەڭ ساقچىنى .
نۆۋەتچىلىك باشلانسا توشقۇزىدۇ ئىيىنى ،
ئويلاپ بىقىڭ ساقچىلار سىغنمامدۇ ئۆيىنى .
ھەتتا ئىسسىق ئىچەلمەس بىر پىيالە چىيىنى ،
يامان دىسەك ئۇلارنى نەگە قويسۇن جىنىنى ،
ماختاشلارغا لايىق ئۇ يامان دىمىڭ ساقچىنى .
سىزگە ئوخشاش ئۇنىڭمۇ باردۇر خوتۇن -بالىسى ،
ھىچ بولمىسا بار ياكى قېرى ئاتا -ئانىسى .
كىرىپ قالغاچ قۇلاققا ئېغىر ھەسرەت -نالىسى ،
يازدىم قەلەم ئاجىز لىكىن قالدى نۇرغۇن چالىسى ،
ئۇۋال قىلىپ دوس -بۇرادەر يامان دىمەڭ ساقچىنى .
132 قېتىم كۆرۈلدى | شىرىن | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-9-21 1:48:37 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|