مەن بەلكىم چۈشۈڭگە كىرمىگەن مالاي
سەن مىنىڭ قاپىقىمدا كۈلگەن تۇلۇنئاي،
مەن ساڭا تەلمۈرگەن بەلكىم غەم چىراي.
مەن كىيىك تەمتىرگەن سەن بىر ئوۋچى ،
سەن كىيىك بولساڭ مەن بىر تۈپ كۆك قوراي .
سەن مىنىڭ ئارمانىم گۈزەل بىر تالاي ،
مەن سىنىڭ ئۇيۇڭدا بۇلاي يا بولماي.
سەن مىنىڭ بىر دانەم بىردىنبىر بەختىم،
مەن بەلكىم چۈشۈڭگە كىرمىگەن مالاي.
تەغدىرىم يىپىمنى تۇتقۇزۇپ ساڭا،
قاچساممۇ چاپلايدۇ تاڭىدۇ يانا.
كۆزلىرىم كۆرۈدۇ ئۇزلا تەرپىڭنى،
چاڭقايمەن بىر ساڭا، پەقەت بىر ساڭا.
سەن گۇيا غۇبارسىز بىر مەسۇم جانان ،
سەن سەۋەپ گۈزەلدۇر ماڭا بۇ جاھان.
تەغدىرىم دەر مىنى مەھكەم تۇت قويما ،
بەل قويغان ۋاقتىڭنى بىل ئاخىر زامان.
مەن بەلكىم ئاغرىقمەن داۋايى ئۆزۈڭ،
توختىغان ئۆمرۈمنىڭ داۋامى ئۆزۈڭ .
ھاياتىم نىشانى قالدۇرماق بۇلۇپ ،
بىر كۆچەت تىكسەممەن باغ باغۋەنى ئۆزۈڭ .
ئېي مىنىڭ پىكرىمنى قاتقۇزغان يارەب،
يىپىمنى بەندىگە تۇتقۇزغان يارەب.
كۆيدۈرگەن يۈرەكنى كۆندۈرۈپ ماڭا ،
ئۇش سەۋدا پىراقتىن قۇتقۇزغىن يارەب.
-ئەمىن 02 -06-2015
263 قېتىم كۆرۈلدى | -ئەمىن | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-7-29 3:43:31 | :يوللانغان ۋاقتى |
2015-7-29 10:38:51 | Umak |
Yahxikan |
2015-7-29 10:36:34 | Umak |
Kuligiz ga dat barmisun xundak yakturdum |
2015-7-29 6:12:41 | muhammat |
nahahte yahxi yezleptu yazguqega apren |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|