چىن دىلىمدىن سۆيگەچكە سىنى
چىن دىلىمدىن سۆيگەچكە سىنى،
سېغىنىمەن ھەركۈن ،ھەر تۈنى.
سېغىنىمەن ھەر بىر تىنىقتا،
ھىجرانلىرىڭ قىينايدۇ مىنى.
گۈزەللىكتە شاھانە گۈلسەن،
يار مەن ئۈچۈن ئالەمدە بىر سەن.
سۆيگۈ بىلەن چېلىنغان تۈندە،
تەڭدىشى يوق يىگانە كۈيسەن.
ئېھ، نىگارىم بولما پەرىشان،
سەن ئۈچۈنلا تەسەددۇق بۇ جان.
كۆزۈڭگە غەم تولسا ناۋادا،
يىغلار ئۆكسۈپ ھەتتاكى جاھان.
چىن دىلىمدىن سۆيگەچكە سىنى،
ئاتالايمەن بار ۋۇجۇدۇمنى.
ھىچبولمىسا رازىتىم مەڭگۈ،
كۆرۈپ تۇرسام ئۇز جامالىڭنى.
مەيلى ۋىسال بولمىسا نىسىپ،
مەيلى كەلسە قانچە دەت-ئەلەم،
مەن ھەممىگە بەرداش بىرىگلىك،
پەقەت كۈلۈپ تۇرساڭلا سەنەم.
شۇڭا دەيمەن دۇنيادا يوقتۇر،
ھىچقاچاندا سۆيگۈنىڭ چىكى.
گەر قەيەردە بولسا خۇشاللىق،
ئازاپ ئۇنىڭ مەڭگۈ بىر تىنى.
پەقەت، پەقەت سۆيگەچكە سىنى،
قەلبىم ھامان سۆيگۈنىڭ بېغى.
گاھ ياشارتىپ، گاھى بىر سەنلا،
ئېپ كىلىسە خازان پەسلىنى.
ئېھ، چىدايمەن لىكىن ھەممىگە،
يەنە پەقەت سۆيگەچكە سىنى.
--م،ئىزچى
324 قېتىم كۆرۈلدى | izqi1 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-6 11:40:41 | :يوللانغان ۋاقتى |
2015-8-17 17:19:47 | amragul |
bak yahxi yezip tu ....kona aslimlirim ni aslap kaldim... |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|