كۈلەلەمسەن؟
ماھىنۇر ئابدۇرېھىم
ھايات تاسقاپ تۇرار بىزلەرنى ،
ئامەت ئاپەت سىناقلىرى بار.
گاھې كۈلسەك گاھىدا يىغلاپ ،
گاھ خۇشاللىق گاھى ھەسرەت يار .
كىممۇ شۇنداق نۇقسانسىز ئۆتكەن،
بۇ ھاياتنىڭ سىناقلىرىدىن .
تۇرمۇش غېمى تۇرسا يەلكىدە ،
ئۆتەلەمسەن سوراقلىرىدىن .
كۈلەلەمسەن مەڭگۈلۈككە سەن ،
دىلدا ھەسرەت ئەلەم تۇرسىمۇ؟
ئامەت قۇشى قونماي بېشىڭغا ،
تۇرمۇش غېمى يەلكەڭ باسسىمۇ ؟
شۇنداق سىرلىق ھىكمەتلەرگە باي ،
شۇڭا تۇرمۇش ئاچچىق ھەم تاتلىق.
بارمۇ كۈلۈپ ياشىغان ئەبەت ،
سەۋرىلىكلىككە يار ئىكەن شاتلىق !
مۇھەررىرى:مۇھەممەدتوختى سەببەت
89 قېتىم كۆرۈلدى | ماھىنۇر ئابدۇرھېم | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-5-27 8:46:13 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|