سېغىندىم ئانا
ـ بىلمىدىم نە قىسمەت بار بىشىمدا،
ئازابلاندىم سەن بولمىغاچ قېشىمدا .
ھەسرەت كۆپتۇر ئاقۇزغان بۇ يېشىمدا،
سېغىدىم مەن جانى جانىم جان ئانا.
ـ
بىزلەر ئۈچۈن تەملىك ئىدى ئاشلىرىڭ ،
ئاقار ئىدى پەرزەنت دەپلا ياشلىرىڭ .
ئائىلىەڭ غېمىدە ئاقارغانتى چاشلىرىڭ ،
سېغىندىم مەن جانى جانىم جان ئانا.
ـ
گۈل ئۈنەرتى باسقان سىنىڭ ئىزىڭدىن ،
خۇش پۇراقلار كىلەتتى ھەم سۆزۈڭدىن.
تۇلۇن ئايمۇ ئۇيىلاتتى گۈزەل يۈزۈڭدىن،
سېغىندىم مەن جانى جانىم جان ئانا.
ـ
باھارىم تۇيۇلدىغۇ ئاچچىق زىمىستان ،
سۇلارمۇ توختىدى ئۆركەشلەپ ئاققان.
سەنمۇ بېشىمغا يامغۇر بوپ ياققان،
سېغىندىم مەن جانى جانىم جان ئانا.
ـ
كەلمەسكە كىتىپسەن كىلىمەن دەپلا،
بىلسەم ئالداپسەن مىنى سەن بەكلا.
كۆزۈمدىن تاراملاپ ئاقتى بۇ ياشلا،
سېغىدىم مەن جانى جانىم جان ئانا.
ـ
ئۆتۈنەي يىنىمغا بىر كىلىپ كەتكىن،
شۇنىڭدىن كۆڭلۈم تاپسۇن تەسكىن .
ماڭا بىر خۇشاللىق بەخىش ئەتكىن ،
ھەر ۋاقىت مېھرىڭگە تەشنا مەن ئانا .
ـ
ھايات♡يولۇم
307 قېتىم كۆرۈلدى | hayatyolum | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-7-31 2:19:47 | :يوللانغان ۋاقتى |
2015-8-1 1:32:10 | H |
yahxi yizipsiz tirxing |
2015-8-1 0:09:34 | xabnam |
yahxi yezlptu dawamlik terxing |
2015-7-31 20:33:40 | ھايات يولۇم |
رەھمەت |
2015-7-31 14:55:53 | manzil |
yahxi yeziliptu |
2015-7-31 14:55:53 | manzil |
yahxi yeziliptu |
2015-7-31 11:18:46 | رەخمۇتۇللا |
بەك ئىسىل يىزىپسەن ئاداش ، |
2015-7-31 11:18:46 | رەخمۇتۇللا |
بەك ئىسىل يىزىپسەن ئاداش ، |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|