يىتىم بولدۇم
ھەمراگۈل ئوسمان
كەپسىز ئىدىم مەن بەكلا كەپسىز،
ئاتا- ئانام بولغاچقا كەپسىز.
ئاتا-ئانامنىڭ مېھرى بىلەن،
ياشاپ كەلدىم شۇنچىلىك غەمسىز.
كىچىك چېغىم سەبىي چېغىمدا،
خوشاللىقىم بار ئىدى چەكسىز .
چوڭ بولۇپ مەن ئەقىل تاپقاندا،
ئاتا-ئانام ئۆتتى بەك ئەپسىز.
چوڭ بولۇپلا مەن يىتىم بولدۇم،
چوڭ بولمىغان بولسام بوپتىكەن.
قېرى بولۇپ ئۆلۈپ كەتكۈچە،
ئاتا-ئانام ياندا بولسىكەن.
ئەپسۇس تەغدىر قىينىدى مېنى،
يۈرەكىمگە سالدى ئازاپنى.
بالىلىقىم خوشاللىقىمدىن،
مەڭگۈلۈككە ئايرىدى مېنى.
146 قېتىم كۆرۈلدى | ھەمراگۈل ئوسمان | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-2 22:47:47 | :يوللانغان ۋاقتى |
2015-12-10 11:51:04 | 2198460258 |
سەۋىر قىلىڭ سىزگە خۇشاللىق يار بولسۇن |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|