سېغىنىش

سېغىنىش

 

 يۈرىكىڭدە كىم بار ئېيتقىنە،

 قەلبىم بولدى لەختە لەختە قان،

 ھىجران مېنى قىينىغاچ يەنە.

 لەۋلىرىڭدىن تىلىمەكتە جان.

 

رەنجىمىدىم ئۆزۈمدىن زىنھار،

 دوق قىلمىدىم ۋە ياكى تەنە.

 ئېتىلگەندە قەلب كۆزلىرىم،

 سۆيگۈ سوراپ يۈرىدۇ دېمە.

 

 ئۇنۇتمايمەن مۇھەببىتىڭنى،

ئۇنتۇش قىيىن، ئۇنتۇلۇش ئاسان.

 چىن يۈرەكتىن سۆيسەڭ بىرىنى،

 تەقدىر گۇناھ پۈتىدۇ ھامان.

 

 كۆز ياش پۇراپ تۇرىدۇ ئاسمان،

گۈلدۈرمۇ يوق، چاقمايدۇ چاقماق.

 ئۆز ئۆزىگە چۆكتى كۆزلىرىم،

 ياشاش ئېغىر كەلدى يامانراق.

 

گۈلجەننەت ئەسئەت

2015. يىلى 26. ئاۋغۇست





145 قېتىم كۆرۈلدى گۈلجەننەت ئەسئەت ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-9-7 0:20:08  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ