يىگىت سەن ئەركەكتە ياشا
ئابدۇرسۇل ئەزىز
يىگىت سەن ئەركەكتە ياشا،
قىزنى بۇزما ئۇلارمۇ ئانا.
توسقىن ئۇنى يامان يوللاردىن،
ۋىجدان سورىقى بولمىسۇن ساڭا.
يىگىت سەن ئەركەكتە ياشا،
داغ چۈشمىسۇن ئويغۇر شەنىگە.
ئەل ئالدىدا يۈزۈڭ چۈشمىسۇن،
قارا سۈرۈتمە ئويغۇر يۈزىگە.
يىگىت سەن ئەركەكتە ياشا،
نەپسىڭنى يىغ بۇزمىغىن قىزنى.
سىنى توغقان ئاناڭمۇ ئايال،
ياشقا تولدۇرما قىزلار كۆزىنى.
يىگىت سەن ئەركەكتە ياشا،
زەھەر بولمىسۇن سىنىڭ خۇمارىڭ.
كوچىلاردا ئېزىپ يۈرمىسۇن،
توسقىن قىزنى بولسۇن ۋىجدانىڭ.
يىگىت سەن ئەركەكتە ياشا،
سىنىڭمۇ بۇلار قىزىڭ كەلگۈسى.
ئىچ ئاغرىتقىن ئازغان قىزلارغا،
شۇ چاغ قىزىڭ ئادەم بولغۇسى.
يىگىت سەن ئەركەكتە ياشا،
مەرتتەك ياشا نامەرت بولمىغىن.
ئىگە بولغىن سۆيگەن قىزىڭغا،
يېرىم يولدا تاشلاپ قويمىغىن.
يىگىت سەن ئەركەكتە ياشا،
غۇرۇرلۇق بول تەخسىكەش بولما.
بىراۋ دىسە ساتقىن ۋىجداننى،
پۇل ئۈچۈن باشقىغا ئورا كولىما.
2015.06.26-كېچە سائەت 01:15
136 قېتىم كۆرۈلدى | RuSuL | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-9-8 1:00:38 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|