خوش دەيىمەن
ئوسمان ئابدۇللا (نازۇك)
خوش دەيىمەن،ئارمان ئىچىرە چشلەپ لىۋىمنى،
ئيتالمغان سۆزۈمنى قەلبمگە كۆمۆپ،قۇت تىلەپ.
سەن بەلكم مەنزىلڭ تۇتاشقان سەپرىڭ تامان،
يۈرەرسەن مەۋھۇم بىر ئۇلۇغۋار نشاننى كۆزلەپ.
پەرىشان دەملەردە ئامالسز خوش دەرمەن كۈلۈپ،
تۇيغۇمدا كەيپيات كۆڭۆلسز،ئچىمدە يۈرگۈم زىدە.
كۈلۈپ تۇرۇپ،چاندۇرماي لەۋ چشلەرمەن تالاي،
كۈلەرسەن سەنمۇ ھەم،تۇرقۇمنى قلىپ مەسخرە.
قول پۇلاڭشپ خوش دەپ كۈلسەم تۆكۆلەر يشىم،
ئاچچق رىئاللق ئالدىدا قانداقمۇبىرەمەن بەرداش
(قىلچە ياش تۆكمەيمەن) دەپ قلسام قەسەمياد،
باقارمۇ ئەھدىمگە،قەلبمدىن سرغىغان كۆزياش.
بىلەتتىم،كىتەتتىڭ،ھىلى-ھەم كىتەر بولدوڭ،
ھەسرەت ئۇۋلايدۇ،سەن سڭگەن ئۈشبۇ ماكاندا.
مىڭ ئەپسۇس،دىل ئاغىرىقنى سەزمەيدۇ ئەمدى،
ئۇ قالار چەكسز ئازاپ،ئىزتىراش ئىچىرە پنھاندا.
مەھكۈمدۇر،ئۈمۈتسز رىئاللىق،ئۈمۈتسز ھسلار،
مۇڭسراپىلا قالارمۇ؟ پىنھانلاردا مەندىكى تىلەك.
سر بولوپ تۇنجۇقسا قەلبمدە،بۇ خل موھەببەت،
منىڭدە يوق ئەمدى موھەببەت،ئۇنىڭدىن بۆلەك.
2017-يىلى24-ئىيۇن گۇما (قارىتاغىز)
مۇھەرىر : ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
ئۈندىدار : 2042420589
ئەسكەرتىش : ئەسەرلەرنى تورىمىز ۋە ئاپتۇرنىڭ ماقۇلىقىنى ئالماي ھەر قانداق مەدبۇئات ئورۇنلىرى ، توربەت ، سالۇنلارنىڭ خالىغانچە تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ . ئەگەر شۇنداق ئەھۋاللار بايقالسا بارلىق ئاقىۋەتكە تارقاتقۇچى تەرەپ مەسئۇل بولىدۇ !!
79 قېتىم كۆرۈلدى | bodak | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-6-25 8:14:56 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|