مەن قۇربانىڭ ئەي ئانا
نۇرمۇھەممەت .مۇسا
پېشانەڭدە نۇرغۇن يىللار ئىزناسى ،
ياش چېغىڭدا سەنمۇ گۈزەل قىز ئىدىڭ .
شۇ گۈزەللىك ،ئەشۇ سۇمبۇل چېچىڭنى ،
ئىز باسارىڭ شۇ قىزلىرىڭغا بەردىڭ .
باللىرىم دەپ ،ئائىلەم دەپ جان ئانا ،
بىز ئۈچۈن زور قۇربانلىقلارنى بەردىڭ .
گۈدەكلىكتىن قەلبىمىزگە جان ئانا ،
چىن ئىنسانلىق ،ئەخلاق ئۇرۇقىنى تەردىڭ .
باللىرىم دەپ ،ئائىلەم دەپ جان ئانا ،
بەختىمىزگە ئۆمۈرۈڭنى تىگىشتىڭ .
بالام دەپلا ،بالام دەپلا جان ئانا ،
ئىكەك سالدىڭ ھاياتىڭغا تىرىشتىڭ .
ئاغىرىيدۇ ،سىرقىرايدۇ قوللىرىڭ ،
كىر -قات يۇيۇپ تالاي -تالاي نان ياققان ،
پۇتۇڭ ئاغىرىپ ياتالـمايسەن كېچىچە ،
شۇ پۇتۇڭدا بىزنى ھاپاشلاپ باققان .
ھالا بۈگۈن نەگە بارساڭ شۇ يەرگە ،
ئەپ بارارغا بىر خالتا لىق دوراڭ بار .
بىزنى دەپلا ،بىزنى دەپلا جان ئانا ،
شۇ كۈنلەرگە ،شۇ كېسەلگە بولدۇڭ يار .
ئىنسان دېگەن كۆپ ئىشلاردا ئاجىزكەن ،
ئىمكان يوقكەن تەڭ تارتىشقا كېسەلنى .
كېرەك بولسا پۇتلىرىمنى مەن بېرەي ،
ساڭا بېرەي ئېسللارنىڭ ئېسىلنى .
دۇنيادىكى ئانىلارنىڭ ئىچىدە ،
ئەڭ ئۇلۇغى ئەڭ كاتتىسى ئانا سەن .
ئۇلۇغلۇقۇڭ تەسۋىرلەشكە ئاجىزتىل ،
قەسەم قىلاي قۇرباندۇرمەن مانا مەن .
2017 ـ 6 ـ 6
مۇھەررىر: ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
ئۈندىدار :2041420589
105 قېتىم كۆرۈلدى | نۇرمۇھەممەت .مۇسا | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-6-6 14:11:01 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|