ياشايمەن ئەمدى ئۆزۈم ئۈچۈن
ئالمىرە ياقۇپ
تالاي ئىشلارنى قىلىشلىرىم پەقەت بىر ئۆزۈم ئۈچۈن،
ئۈنسىز ھالدا تىرىشتىم پەقەت بىر ئۆزۈم ئۈچۈن.
نىمانچىلا شەخسىيەتچى دەپ ئويلىماڭ دوستلۇرۇم،
قىلغانلىرىمنى بىلمىدى ئەمدى ياشاي ئۆزۈم ئۈچۈن.
بۇ دۇنياغا كۆز ئاچقۇزغان مىھرىبانىم ئاتا ئانام،
شۇڭا ئەمدى تايانمايمەن مەغرۇر ياشاي ئۆزۈم ئۈچۈن.
گەر كەلگۈسۈم پارلاق بولسا كۆرەلمەسكەن بەزىلەر،
پەرۋايىم يوق ئۇنداقلارغا قىلغانلىرىم ئۆزۈم ئۈچۈن.
باشقىلارغا قىلسام ۋاپا ، ياندۇرۇپ سالدى جاپا،
ئەمدى مەنمۇ ياخشىلىقنى قىلاي پەقەت ئۆزۈم ئۈچۈن.
قىلغانلىرىم بىلمەي تۇرۇپ يۈزلىرىنى چاپلار يەرگە،
يۈز ئۆرىگەن كىشىلەر كۆپتۇر پەرۋا قىلماي ئۆزۈم ئۈچۈن،
369 قېتىم كۆرۈلدى | ئالمىرە ياقۇپ | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-10-2 19:00:01 | :يوللانغان ۋاقتى |
2017-1-17 16:52:34 | xakura |
bu tima nahayi yahxi bop tu |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|