چۈشۈمدە بولسىمۇ كۆردۈم ئۆرۈڭنى
(گۈلجامال يولۋاس )
شۇنچىلىك سىغىنىش ئىلكىدە يۈرۈپ،
پەقەتلا كۆرەلمەي كەلگەن يۈزۈڭنى .
تەقدىرنىڭ ئازغىنە شەپقىتى بىلەن ،
چۈشۈمدە بولسىمۇ كۆردۈم ئۆزۈڭنى .
چۈشۈمدە بولسىمۇ كۆرۈپ ئۆزۈڭنى ،
ئالەمچە شادلىنىش ئىلكىدە كۈلدۈم.
ئويغىنىپ كۆزۈمنى ئاچقاندا بولسا،
ئەپسۇسلۇق ئىلكىدە ئۈنسىز ياش تۆكتۈم.
ئەپسۇسلۇق ئىلكىدە زارلانغان چاغدا ،
جان ئاتا ھالىمنى چۈشىنەرسەنمۇ.
يىتىملىك دەردىنى تارتقان كۈنلەرنى،
سەنمۇ ھەم مىنىڭدەڭ ئەسلەلەرسەنمۇ؟
بىلىمەن جان ئاتا ئەسلەيسەن چوقۇم ،
سەنمۇ ھەم ئۆتكۈزگەن بۇنداق كۈنلەرنى.
يىتىملىك دەردىدە قاخشىغان شۇ چاغ،
ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزگەن تالاي تۈنلەرنى .
ئەلۋىدا ئاتىجان كەتكىنىڭ بىلەن،
قەلبىمدە يادلىنار ئوتلۇق سىمايىڭ.
شۇڭىمۇ چۈشۈمدە كۆرسەمكەن دەيمەن،
سەن بولغاچ مىنىڭكى ھاياتلىق شامىمىم.
گۈلجامال ئىجادىيەتلىرى
2015.8.11
226 قېتىم كۆرۈلدى | guljamal198 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-12 2:02:16 | :يوللانغان ۋاقتى |
2015-8-13 19:31:18 | ئەخمەتجان |
مەن قاداقوش مەن بوسالونى |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|