ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىغا ئاتاپ
شىرئەلى ھىلا ئۆزكۈچ
(بۇ شېئىرنى بارلىق جاپاكەش ئوقۇتقۇچى ئۇستازلارنىڭ بايرىمىغا بېغىشلايمەن. )
يۈرەكتىن ئىھتىرام ئەي ئۇلۇغ ئىنسان،
كۈيىسەن ئەۋلادنىڭ ئىشقىدا ھامان.
سەن بىلەن نۇرلاندى قاراڭغۇ دىللار،
نۇرلاندى غەپلەتتە ياتىقان يەر-جاھان.
سەن گۇيا بىر باغۋەن بىز بولساق كۆچەت،
چوڭ قىلدىڭ بىزلەرنى پەرۋىش قىپ كۈچەپ.
مىھنەتسىز تەرىڭدە چۆلنى باغ قىلىپ،
كۈتىسەن خەلقىمگە مېۋە بەرسە دەپ.
ئۈگەتتىڭ سەن قانداق ئادەم بولۇشنى،
بۇ ھايات يولىدا قانداق مېڭىشنى ،
ئۈلگە قىپ ياشىغاچ سېنى ھەر ئىشتا،
ئۈگەندۇق جاپانى قانداق يېڭىشنى.
بايرىمىڭ سېنىڭكى ئۇشبۇ قۇتلۇق كۈن،
مۇبارەك سۆزىدە تەبرىكلەي بۈگۈن.
سوۋغا قىپ تۇتۇشقا نىسىپ بولغۇسى،
نەتىجە ئۇتۇقنى قىلىپ دەستە گۈل.
(سەمىمىي ئەسكەرتىش: شېئىر ئىھتىياجى تۈپەيلى 《سەن》قوللىنىلىپ قالدى ، ئوقۇرمەنلەر ۋە ئوقۇتقۇچى ئۇستازلارنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.)
170 قېتىم كۆرۈلدى | شىرئەلى ھىلا ئۆزكۈچ | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-9-9 23:49:23 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|