يېقىن دوستۇم (ئەنۋەر ئەمەت)« ئەزىز»بىلەن (شەھىدە )قىزنىڭ
قۇتلۇق نىكاھ تويىغا بېغىشلايمەن!
تويۇڭلارغا مۇبارەك
ياقۇپجان ئابدۇخېلىل سۇلتانى
ئىنسانلارغا ئالەمدە سىرداش كېرەك دوس كېرەك ،
ھاياتلىقتا ھالال جۈپ قەدىناسلار بوپ يۆلەك .
مېھرىڭ بىلەن قۇشۇلغىن كەلگۈسىگەئارمان بوپ ،
دەرتلىرىگە دەرمان بول تويۇڭلارغا مۇبارەك .
خەۋەر تاپتۇق ئەنۋەرجان سېنىڭ قۇتلۇق تويۇڭدىن ،
توي ساداسى ئاڭلىنار مەھەللەڭدىن ئۆيۈڭدىن .
ئېلىپ قىزنى ئەمرىڭگە داۋا قىلغىن دەردىڭگە ،
مۇھاببەتتە راۋان بول تويۇڭلارغا مۇبارەك .
قورقۇتۇپلا يۈرەتتىڭ چانايمەن دەپ قىزلارنى ،
قاتراپ كوچا كويلاردا قالدۇرغانتىڭ ئىزلارنى .
ۋاپا قىلغىن ئەھدىڭگە كۆز تەگمىسۇن بەختىڭگە ،
مەيلى ياۋاش يامان بول تۇيۇڭلارغا مۇبارەك .
ھەجەپ يوقاپ كەتكەنتىڭ تۇتۇش قىپسەن چوڭ ئىشقا ،
جامائەتكە دوسلارغا داستىخانلار سېلىشقا .
توختىمىسۇن قەلىمىڭ نۇرغا تولسۇن قەدىمىڭ،
جېنىم دوستۇم ئامان بول تويۇڭلارغا مۇبارەك .
2015-يىلى 8-ئاينىڭ 11-كۈنى
(كورلا )ئۈندىدار 903592777
176 قېتىم كۆرۈلدى | ئەسەر يوللىغۇچى : | ||
2015-8-11 22:57:02 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|