تاپالمىدىم سېنى ئانا
سەن تۇتقان ئۆيلەردە،بۇرۇنقىدەك ياتالمىدىم،
سېنى كۈيلەپ ناخشامغا،بۇرۇنقىدەك قاتالمىدىم.
سەن تىككەن گۈللەرنى،يىلدىقىدەك باقالمىدىم،
ھىدىڭ قالغان ئۆيلەردىن،تاپالمىدىم سېنى ئانا.
سەن ساغقان كالىلار تۇرىدۇ ئەنە ئېغىلدا،
ئۇنىڭ ئوماق موزىيى تۇرار ئانىسى يېنىدا.
سېغىپ ئىچكەن سۈتلىرىم ئۆتمەي تېخى گېلىمدا،
مېھرىڭ چۈشكەن ئېغىلدىن،تاپالمىدىم سېنى ئانا.
كېچەكەلسەم تالادىن،قارايدىغان ئادەم يوق،
ئويناپ ماڭسام بازارغا،ئۇزىتىدىغان ئانام يوق.
غېرىب بولسام كۆڭلۈمنى،سورايدىغان ئادەم يوق،
سەن بەزلىگەن تۈنلەردىن،تاپالمىدىم سېنى ئانا.
ئەسكە كېلەر تامىقىڭ،ھەرۋاخ تاماق يىگەندە،
سېغىنىمەن قايماق چاي،كۈندە ئىككى رەت ئىچكەندە،
سېنىڭ قولۇڭ تاتلىقكەن تەمىنى ئەمدى بىلگەندە،
سەن چاي بەرگەن چايخاندىن،تاپالمىدىم سېنى ئانا.
يىلدا يىغلاپ قالاتتىڭ،مەن مەكتەپكە ماڭغاندا،
كېلىشىمگە تەلمۈرۈپ،ساناپ بەش ئاي قالغاندا.
خۇشاللىقتا پاتمايىتتىڭ،تېلفۇنۇمنى ئالغاندا،
تېلفۇن ئۇرغان جايلاردىن،تاپالمىدىم سېنى ئانا.
قۇلىقىمغا كىرىپ گاھىدا،سىڭىللىرىمنىڭ نالىسى،
كۆز ياش قىلىپ بەزىدە، ئۈچ بالىنىڭ ئاتىسى،
ئەزىزلىگەن ئوغلۇڭتىم،مەن ئەمدى كىمنىڭ بالىسى؟
«ئاپا»دېگەن ئاۋازدىن،تاپالمىدىم سېنى ئانا!!!
تارىتتىڭ تىنماي جاپا،كۆرەلمەي راھەت،
سەن بولغاچ ئائىلىمىز تولۇپ سائادەت،
يەتمىگەي ساڭا زىنھار،ئۇدۇنيادا مالامەت،
خاتىرجەم بولۇپ ئەمدى،تاپالمىدىم سېنى ئانا!
مەرھۇم ئاپامغا بېغىشلايمەن!
نىيازئەلى·ئابدۇرېشىت غۇلجا
2015_يىل 11_ئاۋغۇست كېچە
208 قېتىم كۆرۈلدى | Izdinix | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-15 10:26:38 | :يوللانغان ۋاقتى |
2016-12-30 18:07:47 | راھىلە |
يۇرەكنىڭ تارىنى چەكتى،ياخشى يىزىپسىز |
2015-8-19 0:46:48 | ئەلي |
adax man seneg xeregni uekup qehtem akikatan manise bakan dawamleh terex |
2015-8-15 20:37:28 | habiba |
jannat tilayman apaxka wapadar ukam apingizni kuylap yazgan kulliringizga dart barmisun ...yahxi qikiptu xiringiz.... |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|